|
تاشقى ئىقتىساد–سودا پۈتۈشۈش سوممىسى3مىليارد 533 مىليون دوللارغا، ئىچكى ئىقتىساد–سودا پۈتۈشۈش سوممىسى181مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى
17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى بەش كۈن داۋاملىشىپ، 5 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە تاشقى ئىقتىساد – سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 3مىليارد 533 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە سېلىشتۇرغاندا %78.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت پۈتۈشۈش سوممىسى 2مىليارد 31 مىليون دوللارغا، ئىمپورت زاكاز سوممىسى 867 مىليون دوللارغا، تاشقى ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 634 مىليون دوللارغا يەتتى. ئىچكى ھەمكارلىق تۈرلىرى ۋە ئىچكى ئىقتىساد سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 181 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە سېلىشتۇرغاندا % 21.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە 168 مىليارد600 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالاندى، ئىچكى ئىقتىساد – سودا توختام سوممىسى 13 مىليارد يۈەن بولدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي 5 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەققىيەتلەر نامايان قىلىندى. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك يەرمەنكىگە ئايلاندى. يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش سەۋىيىسى، مەزمۇنى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە ياخشى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە يايما ئورنىنىڭ سانى 2090 گە، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۆمەك 43كە، يەرمەنكىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 29 مىڭ 300 دىن كۆپرەككە يېتىپ، يەرمەنكە كۆلىمى ۋە يەرمەنكىگە قاتناشقانلار سانىدا رېكورت يارىتىلدى. پۈتۈشۈش سوممىسىدا تارىخىي يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
يىغىندا ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەڭ نادىر ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن 20 سى، ئەڭ داڭلىق تاۋاردىن 20 سى، ئەڭ يېڭىلىق يارىتىلغان تاۋاردىن 20 سى، رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك تاۋاردىن 20 سى ۋە ئەڭ ئالاھىدە تاۋاردىن 20 سى مۇكاپاتلاندى. 30 ئەڭ ياخشى تەشكىللىگۈچى، 45 ئەڭ ياخشى يايما ئورنى، 15 ئەڭ ياخشى مۇلازىملىق قىلغان ئورۇن تەقدىرلەندى.
|