|
‹‹خۇاديەن›› شىنجاڭ ئېلېكتر شىركىتى چوڭ كۆل(خۇڭيەنچى شىركىتى) ئېلېكتر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 200× 4 مېگاۋاتلىق ئىسسىقلىق بىلەن توكنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنى 3 – سېنتەبىر رەسمىي باشلىۋەتتى. بۇ تۈردە قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر يىلى 20 مىڭ توننا گۈڭگۈرت دىئوكسىدى ئازىيىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ‹‹خۇاديەن››چوڭ كۆل شىركىتىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ‹‹خۇاديەن›› ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتر شىركىتىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن باشلانغان يەنە بىر كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئىسنى گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىكەن، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 170 مىليون يۈەن. ھازىر دۇنيادا تېخنىكىسى ئەڭ پىشقان ۋە قوللىنىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان ھاك تاش – گەج بىلەن نەمدەش ئۇسۇلى ئارقىلىق گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش ھۈنىرى قوللىنىلغان بولۇپ، كېلەر يىلى سېنتەبىردە قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش ئۈنۈمى% 95 تىن ئاشىدىكەن. كۈرەش مەخسۇت مۇنداق دېدى: ‹‹خۇاديەن›› چوڭ كۆل شىركىتىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش نىشانىغا يېتىشتە، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ گۈڭگۈرت دىئوكسىدىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، ‹‹خۇاديەن›› چوڭ كۆل شىركىتى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى كەسپىدىكى كۆزنەك كارخانىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئايلانما ئىقتىساد يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىدە سىلجىتىش رولىنى پائال جارى قىلدۇردى. ئاپتونوم رايون ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش تۈرىنى پائال قوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە كېڭەيتىپ پايدىلىنىشقا مەدەت بېرىدۇ، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈپ تىزگىنلەشنىڭ بازارلىشىش ۋە كەسىپلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش ئارقىلىق مۇھىت ئاسراش يېڭى كەسپىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ.
|