|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 4 – سېنتەبىر كەچتە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ياش پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ‹‹يىياڭ›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دېڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە، دېڭ ۋېي ‹‹يىياڭ›› گۇرۇھىغا ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل›› بالىلار باغچىسى قۇرۇشى ۋە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىغا 10 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.
نۇر بەكرى دېڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹يىياڭ›› گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بولۇپمۇ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوللاش ئۈچۈن سېخىيلىك بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى، بۇ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. ھازىر، شىنجاڭنى كەڭ ئېچىۋېتىش، كەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتلىرى ھازىرلىنىپ بولدى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇۋاتىمىز، ‹‹يىياڭ›› گۇرۇھىغا ئوخشاش ئەمەلىي كۈچكە ئىگە پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ كېلىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، سىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ نېفىت خىمىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، شامال كۈچى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە ۋە ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
|