باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان ئىسلاھاتى پات ئارىدا يولغا قويۇلىدۇ
2008- 09- 05 12:20 شىنجاڭ گېزىتى

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› تەستىقلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ، تەستىقلىنىپلا يولغا قويۇلىدىكەن.

   مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئورمان ئىسلاھاتىنىڭ نېگىزى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بولۇپ، كوللېكتىپ ئورمان يىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن ئورمان ئىگىلىك ھوقۇقى ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ئىلكىدە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى بۇلتۇردىن باشلاپ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ساۋەن، ماناس، كۈنەس، ئونسۇ ۋە كورلا قاتارلىق بەش ناھىيە(شەھەر)دە سىناق قىلىپ يولغا قويغان بولۇپ، ئورمان يىرىنى ھۆددىگە ئېلىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 70 يىل ئىكەن، 70 يىل توشقاندىن كېيىن ھۆددە ئالغۇچى يەنە قايتىدىن ئۇزارتسا بولىدىكەن. ساۋەن ناھىيىسى 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى 11 يېزا – بازاردىكى 30 نۇقتىدا 350 تىن كۆپرەك ئورمان بەلبېغىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى كىمئارتۇق قىلىپ دېھقانلارغا ئۇزاق مۇددەتلىك ھۆددىگە بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيىنىڭ سۈنئىي ئورمان كۆلىمى 120 مىڭ مو، ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 67 مىڭ 400 مو كۆپىيىپ، يەر تۇرۇپ كۆچەت تىكىدىغان ئادەم بولماسلىق، تىكىلگەن كۆچەتنى باشقۇرىدىغان ئادەم  بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ