|
يېقىندا، يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىغا ئەزا 45 دۆلەت ئىككى كۈنلۈك يىغىننى ئاياقلاشتۇرۇپ، ھىندىستانغا قارىتىلغان يادرو ئېنېرگىيىسى ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. 8 –ئاينىڭ 1–كۈنى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى مۇدىرىيىتى ھىندىستان بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا قوشۇلدى، ئارقىدىنلا ئامېرىكا يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىغا ئامېرىكا – ھىندىستاننىڭ پۇقراۋىي يادرو ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار دەسلەپكى لايىھىسىنى سۇنۇپ، يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ پىرىنسىپ، تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتىپ، ھىندىستانغا قارىتىلغان يادرو سودىسىنى چەكلەش بويرۇقىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما ئىش ئويلىغان يەردىن چىقماي، يىغىندا ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىگە 50 كە يېقىن تۈزىتىش پىكىرى چۈشتى. شۇڭا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىنىڭ، ئامېرىكا - ھىندىستان يادرو كېلىشىمىگە قارىتا يېشىل چىراق يېقىش ياقماسلىقىغا ھازىرغىچە بىرنىمە دېمەك تەس.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ھىندىستان بىلەن ئىمزالىغان كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كېلىشىمى— چەكلەش كۈچى بولمىغان كېلىشىم ھېساپلىنىدۇ. كېلىشىمدىكى ماددىلاردا ھىندىستاننىڭ قايسى يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش دائىرىسىغا كىرىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ بارلىق پۇقراۋىي يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە يادرو يېقىلغۇسىنىڭ ھەممىسى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ مەڭگۈ، شەرتسىز كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشىغا ئۆتۈدىغانلىقىمۇ ئېنىق بەلگىلەنمىگەن. بۇ خەلقئارا يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.
ئامېرىكىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىغا سۇنغان دەسلەپكى لايىھىسى— مۈجمەل نۇسخا بولۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكا سونغان دەسلەپكى لايىھىدە، خەلقئارادا يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى مەسىلە ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان: يەنى، ھىندىستان قانداق شەرتنى ھازىرلىسا، خەلقئارا جەمئىيەت ئاندىن ئۇنىڭ يادرو سودا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدۇ؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا، ھىندىستان بىلەن بولغان يادرو سودىسىنى توختىتىپ، ھىندىستان يادرو قورالىنىڭ تىك يۆنىلىشتە كېڭىيىپ كېتىشىنى چەكلەش كېرەك؟ دەسلەپكى لايىھىدە ھىندىستاننىڭ يىمىرگۈچى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش ۋە يادرو سىنىقىنى توختىتىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى تەلەپ قىلىنمىدى، شۇنداقلا ھىندىستان يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان يادرو سودىسىنى توختىتىش توختاتماسلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش بىلەن ھىندىستاننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى ئوتتۇرىسىدا چەكلەش خاراكتېرلىك باغلىنىش بولمىغانلىقتىن، ھىندىستان يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ. دەسلەپكى لايىھىدىمۇ ھىندىستاننىڭ كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالايدىغان قاتتىق تەلەپ يوق. دەسلەپكى لايىھىدە ھەتتا ھىندىستاننىڭ يادرو تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەسىنى ئېكىسپورت قىلىش، بولۇپمۇ ئوران قويۇلدۇرۇش ئۈسكۈنىسى، ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىش ماددىسى تۈرى ۋە تېخنىكىسى قاتتىق چەكلەنمىدى. بۇ شۈبھىسىزكى، ھىندىستاننىڭ يادرو قورالىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق.
جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىنى ئويلاشقاندىن بولسۇن ياكى سودا مەنپەئەتىنىڭ تۈرتكىسىدە بولسۇن، ئامېرىكا – ھىندىستان كېلىشىمى يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش مېخانىزىمىغا زور زەربە ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن بىلەن، يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ھىندىستاننىڭ يادرو ئەسلىھەسىگە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەگەر ھىندىستان يادرو قورالىنى سىناق قىلسا ياكى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىسا، ھىندىستاننىڭ يادرو سودىسىنى چەكلەشنى كەچۈرۈم قىلىشنى بىكار قىلىپ، ھىندىستاننىڭ يادرو تېخنىكىسى ۋە يادرو ئەسلىھەسى ئېكىسپورت قىلىشىنى قاتتىق چەكلەشنى ھەمدە ھىندىستاننىڭ كەچۈرۈم قىلىش ماددىسىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالاش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ‹‹ئىش ۋۇجۇتقا چىقىش›› تىن بۇرۇن ئازاراق بېسىم ئىشلىتىپ‹‹زىياننى ئازايتىش›› تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا، ئامېرىكا–ھىندىستان يادرو كېلىشىمىنى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىراسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، كېلىشىمنىڭ توسالغۇلىرىنى تۈگىتىشكە تەقەززا بولماقتا، ئەمما بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە بۇ ۋەزىپىنى تاماملىيالىشى يەنىلا ئىنتايىن قىيىن. يەنى، بىرىنچىدىن، 9–ئاينىڭ بېشىدا يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ مۇشۇ ئاساستا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالىشى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئىككىنچىدىن، يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن تەرتىپى مەسىلىسى يەنىلا قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا يەنە ۋاقىت ۋە كېلىشىم مەسىلىسىمۇ مەۋجۈت. 2006–يىلىدىكى ‹‹ھايتى قانۇن لايىھىسى›› گە ئاساسەن، بۇش ھۆكۈمىتى چوقۇم دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا- ھىندىستان يادرو كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى ئويلىشىشقا 30 كۈن ۋاقىت بېرىشى كېرەكتى، ئەمما دۆلەت مەجلىسى مۇشۇ ئاينىڭ 26–كۈنى يىغىننى توختىتىپ تۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ‹‹ھايتى قانۇن لايىھىسى›› دە، ئامېرىكا –ھىندىستان كېلىشىمىنىڭ يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزمۇنىغا نۇرغۇن چەكلىمىلەر قويۇلدى، شۇڭا كېلىشىمنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئوڭۇشلۇق ماقۇللىنىشىنىمۇ پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.
33 يىل ئىلگىرى، ھىندىستان يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندا، يادرو سىنىقىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تۈرتكىسىدە يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھى قۇرۇلغان ئىدى. ۋاھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئامېرىكا، جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيە ۋە سودا مەنپەئەتىنى دەپ، يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەر گۇرۇھىنى ھىندىستانغا ‹‹ئارقا ئىشىك›› ئېچىپ بېرىشكە دەۋەت قىلماقتا. مەيلى ئامېرىكا –ھىندىستان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى كۆپ تەرەپلىمە ئۆلچىمى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
|