باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
گېرمانىيە پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى تويۇنۇش كىرىزىسى
2008- 09- 05 11:57 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، گېرمانىيىدىكى 3– چوڭ بانكا بولغان دېرىستون بانكىسىنىڭ سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر گېرمانىيىدىكى پۇل مۇئامىلە خەۋەرلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپ كەلدى. يېقىندا گېرمانىيىدىكى 2–چوڭ بانكا بولغان سودا بانكىسى، دېرىستون بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولغان ئاللىيانز گۇرۇھى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، 9 مىليارد 800 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن، دېرىستون بانكىسىنى سېتىۋالدى. گېرمانىيە بانكا كەسپىدىكى 2– چوڭ بانكىنىڭ 3- چوڭ بانكىنى قوشۇۋېلىشى— بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ياۋروپادا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى قوشۇۋېلىش بولدى.

     ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدىكى پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گېرمانىيە بانكا كەسپى گېرمانىيىلىكلەرنىڭ خاراكتېرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىر قەدەر مۇقىم ئىدى. ئەمما، بانكا كەسپىدە ھېچكىممۇ تەۋەككۈلچىلىكتىن قۇتۇلالىغان ئەمەس. بۇ قېتىم ياۋروپادا كۆرۈلگەن پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى ئەڭ چوڭ قوشۇۋېلىش ۋەقەسى— گېرمانىيە پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تويۇنۇش كىرىزىسىگە دۈچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.  

     گېرمانىيە بانكا كەسپىدە، گېرمانىيە بانكىسى ئىزچىل 1– لىكنى ئىگىلەپ كەلگەن بولۇپ، ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كېلىشتىن ئىلگىرى، دېرىستون بانكىسى 2–ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، گېرمانىيىدە كۆرۈلگەن قىسقا مەزگىللىك ئۆي–جاي مۈلۈك تەۋەككۈلچىلىكى گېرمانىيىدىكى بارلىق خۇسۇسىي بانكىلارنى قىيىنچىلىقتا قويدى. گېرمانىيە سۇغۇرتا كەسپىدىكى ئەڭ چوڭ كارخانا ئاللىيانز گۇرۇھى قۇتقۇزىۋالمىغان بولسا، دېرىستون بانكىسى ئاللىبۇرۇن ۋەيران بولغان بولاتتى. بۇ قېتىمقى قوشۇۋېلىشتىن ئىلگىرى، دېرىستون بانكىسىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ناچار بولدى. 2007– يىللىق دوكلات ۋە 2008–يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق دوكلاتقا قارىغاندا، دېرىستون بانكىسىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك نەتىجىسى 2007– يىلى 3–پەسىلدە 14 مىليون ياۋروغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، 2007– يىلى 4–پەسىل، 2008– يىلى 1– پەسىل ۋە 2008– يىلى 2–پەسىلدە ئايرىم ھالدا 401 مىليون ياۋرو، 397 مىليون ياۋرو ۋە 567 مىليون ياۋرو زىيان تارتتى. تەتقىقات خادىملىرى مۇنداق دەپ قارىدى: بىرىنچىدىن، گېرمانىيە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا چېتىلىدىغان بولغانلىقتىن، گېرمانىيە بانكا كەسپى 1995–يىلدىن بۇ يىلغىچە داۋاملاشقان ئۆي- جاي مۈلۈك كرېدىت كىرىزىسى ۋە 10 يىلغا سوزۇلغان ئىقتىسادنىڭ كاسات بولۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بازار ئېنىقلاشنى ھەقىقىي تاماملىمىغانلىقى؛ گېرمانىيە بانكا كەسپىدىكى تويۇنۇش ھالىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، كرېدىت باھاسى جەھەتتىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ئىقتىسادى نۇپۇسنىڭ پاسسىپ ئېشىشى ۋە قېرىشقا قاراپ يۈزلىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقتىن، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىدا يېڭى ئۆسۈش نۇقتىسى كەمچىل بولماقتا. بانكا كەسپى مەيلى تىجارەت كىرىمى بولسۇن ياكى پايدا ئېلىش سەۋىيىسى جەھەتتە  بولسۇن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىن تۆۋەن تۇرماقتا.

     ئىككىنچىدىن، گېرمانىيە بانكا كەسپىنىڭ ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن ئىككىلەمچى كرېدىت كىرزىسىدىكى ئىپادىسى— گېرمانىيە بانكا كەسپىنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىدە، گېرمانىيىدىكى بارلىق شتات بانكىلىرى ۋە دۆلەت پاي چېكىنى كونترول قىلغان گېرمانىيە سانائەت بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە زور دەرىجىدە ئۇچرىدى. بۇنىڭغا قارىغاندا، گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى خۇسۇسىي بانكىلارنىڭ ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىگە ئۇچراش كۆلىمى تار دائىرىدە بولدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى، گېرمانىيە دۆلەت ئىچىدىكى بانكا بازىرى زور نىسبەتتە تويۇنغان بولغانلىقتىن، گېرمانىيە بانكا بازىرىنى ئىگىلەش رىقابىتىگە قاتناشقان ھەر قايسى چوڭ گۇرۇھلار ئۆز كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن بازار نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى. گېرمانىيىدىكى شتات بانكىلىرى بولسا، تىجارەت نەتىجىسىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى نۇقتىلىرىنى تېپىشقا مەجبۇر بولغانلىقتىن، ئىككىلەمچى كرېدىت بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللاندى. نەتىجىدە، ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

     ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىگە قارىتا، ئۆزلۈكسىز كۈزىتىش ۋە تالاش– تارتىش قىلىش ئارقىلىق، غەرب ئەللىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى نۇرغۇن زاتلار شۇنداق بىر ئورتاق قاراشقا كەلدى. ئۇ بولسىمۇ ‹‹ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسى ئاخىرلاشقىنى يوق. بۇ قېتىمقى ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسى كېلەر يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن›› ، دېگەندىن ئىبارەت. ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە، گېرمانىيە ئىقتىسادى زور نىسبەتتە تۆۋەنلەش خەۋپىگە دۈچ كەلدى. بۇنىڭغا گېرمانىيىدە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن نۇپۇسنىڭ پاسسىپ ئېشىشى ۋە قېرىلىققا يۈزلىنىشى قاتارلىق ئامىللارنى قوشقاندا، گېرمانىيە بانكا بازىرىدىكى كەسكىن رىقابەت يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. بۇ خىل كەسكىن رىقابەت يەنە گېرمانىيىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى سېتىۋېلىش پۇرسىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە داۋاملىق كۆرۈلىدىغانلىقى؛ سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ يەنىمۇ مۇۋاپىقلىشىپ، خەۋپ- خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     تويۇنۇش— يېڭى ساھەلەرنى ئېچىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيە پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى يۇقارقىدەك تويۇنۇش كىرىزىسى— پۈتكۈل غەرب ئەللىرى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ قىسقارتىلغان كۆرۈنۈشى ھېساپلىنىدۇ. ئىككىلەمچى كرېدىت كىرىزىسىنىڭ ئۆزى تويۇنۇش ئاستىدىكى كىرىزىس بولۇپ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەنئەنىۋى كەسپلەر تويۇنۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكتىن، رىقابەت كەسكىنلىشىپ، كاپىتالنىڭ يېڭى ساھەلەرگە يۈزلىنىشى ھەمدە ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئەھۋالدا، خەۋپ–خەتەرگە يۈزلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا زور زىيان تارتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر پۇل مۇئامىلە كەسپى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ھەمدە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغان شۇنىڭدەك ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىدە تېخى تويۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا، غەرب ئەللىرىنىڭ تەجرىبە–ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئېھتىياتچان بولۇشى؛ غەرب ئەللىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىگە قەدەم قويغاندا، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدىكى پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرىنى قوشۇۋالغاندا قايتا – قايتا ئويلىنىشى كېرەك.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ