باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
‹‹ئىسسىق كۆل خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى››گە قاتنىشىدىغان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى يولغا چىقتى
2008- 09- 05 11:56 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى 2 – سېنتەبىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 8 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىسسىقكۆل تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى ئۇزىتىپ قويدى. بۇ قېتىمقى جۇڭگو تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن 4 –  قېتىم بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيە خەلقئارا ئىسسىقكۆل تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماھارەت تەنتەربىيىسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مەرىكىسى بولۇپ، 2004 – يىلىدىن ئېتىبارەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قېتىملىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئالاقە پائالىيىتىگە ئايلانغان. ئېلىمىز 2004 – يىلى 9 – ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەكلىپ قىلىنغان ھەم پۈتۈنلەي شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىپ، 15 ئالتۇن، 14 كۈمۈش، سەككىز مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانى جەھەتتە 1 –  بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە، شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ دېپلوماتىيە ئالاقە پائالىيىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

   بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 5 – سېنتەبىردىن 12 – سېنتەبىرگىچە قىزغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل ساياھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 41 تەنھەرىكەتچىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى يېنىك ئاتلېتىكا، ساھىل ۋالىبولى، چويلا توپ، تىكتاك توپ، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق بەش مۇسابىقە تۈرى ۋە جانبازلىق قاتارلىق ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىگە قاتنىشىدۇ. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جانبازلىق بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، گەنسۇ، شەنشىدىن كەلگەن يەتتە جانبازلىق ماھىرى جۇڭخۇا جانبازلىقىدىن ماھارەت كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا جانبازلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىدۇ.      

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ