باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
باش ترېنېرنىڭ ئالمىشىشى شىنجاڭ كوماندىسىغا غەلىبە ئېلىپ كېلەلمىدى
2008- 09- 05 11:55 شىنجاڭ گېزىتى

   بېيجىڭ ئو ت م مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئايدىن كۆپرەك توختىتىلغان مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 30 – ئاۋغۇست ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شۇ كۈنكى مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ‹‹تەنتەربىيە لاتارىيىسى›› پۇتبول كوماندىسى باش ترېنېرىنىڭ ئالمىشىشى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 0: 1 بىلەن شېنياڭ ‹‹دۇڭجىن›› كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئۆز مەيدانىدا ئۇدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن بەكرەك ‹‹چوڭ خەۋەر›› بولدى.

   شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا ئەزالىرىنى پۈتۈنلەي ياشلاشتۇرغانىدى. كوماندا ئەزالىرى ياش، مۇسابىقە تەجرىبىسى كەمچىل بولغاننىڭ ئۈستىگە، كوماندىنىڭ ھۇجۇمچىلىرى ئاجىز بولۇش، توپ كىرگۈزۈپ كوماندىغا غەلىبە ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشەنچلىك ھۇجۇم نۇقتىسى بولماسلىق، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئورنى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق ئاجىزلىقلىرى باشتىن – ئاخىر ھەل قىلىنمىدى، شۇڭا كوماندىنىڭ نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولماي، كوماندىنى ئۇدا ئىككى يىل يېتەكلىگەن باش ترېنېر لو دېڭرېن ‹‹ئىشەنچ كرىزىسى››گە دۇچ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى كوماندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، بولۇپمۇ كېلەر يىلىدىكى مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، كوماندىنىڭ باش ترېنېرىنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، باش ترېنېر لو دېڭرېننى يۇرتى خۇبېيغا يولغا سالدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرىنىڭ ئاخىرقى نامزاتى بېكىتىلگىچە، ئالدىنقى يىلىدىكى ياردەمچى ترېنېر پەرھات ئەزىمەت ئىجرائىيە ترېنېرلىق سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولدى.

   شىنجاڭ كوماندىسى ھازىر ئاران ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، بەش مەيدان تەڭلىشىپ، تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇپ، شىمال مۇسابىقە رايونى بويىچە 6 – ئورۇندا تۇرماقتا. شىمال مۇسابىقە رايونىنىڭ يەنە ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى قالدى، ھازىر شېنياڭ كوماندىسى توققۇز مەيدان يېڭىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، 29 نومۇر بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. تيەنجىن ‹‹پاراۋوز›› كوماندىسى، خاڭجۇ كوماندىسى، خېبېي كوماندىسىنىڭمۇ 2 –، 3 –، 4 – لىك ئورنى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالدى. 30 – ئاۋغۇستتىكى مەغلۇبىيەت بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئىشى ئاساسەن سۇغا چىلاشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ