|
.ئەنگىلىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 4 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ماك كاين مۇشۇ ئاينىڭ 3– كۈنى مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دىگەن:‹‹بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى قانداق تۇتۇشنى بىلىمەن. ئەگەر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىپ قالسام، بىن لادىننى تېزدىن تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن›› . ماك كاين يەنە سابىق زۇڭتۇڭ كېلىنتون ۋە زۇڭتۇڭ بۇشنىڭ بىن لادىننى تۇتۇش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.
·تايلاند زۇڭلىسى ساماك 4 – سېنتەبىر تايلاند رادىئو ئىستانسىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹دۆلەت دېمۇكراتىيىسىنى قوغداشقا تىرىشىمەن. ھۆكۈمەتكە قارشى ئەرباپلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن›› .
·پاكىستان دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 4 – سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ چېگرا ھالقىپ ھوجۇم قوزغىشى ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى.
·مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ياپونىيە ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ تەسىرىدە، 4 – سېنتەبىر توكيو پاي چېكى بازىرىنىڭ ئىقتىساد بۆلىكىدىكى پاي چېكى باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن %1.04 تۆەنلىدى.
·گېرمانىيە ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: سانائەتتىكى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغانلىقتىن، گېرمانىيە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىدىن مەھرۇم قالماقتا. 1995– يىلدىن 2006–يىلغىچە، گېرمانىيىنىڭ سانائەتتىكى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %1.9تىن %1.4كە چۈشۈپ قالدى ھەمدە ئامېرىكىدىكى %2.2لىك ئېشىش سۈرئىتى شۇنىڭدەك سانائەت دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ %1.9لىك ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولدى.
·مۇستەقىل دۆلەتلەر ئىتتىپاقى كوللىكتىپ بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسىگە ئەزا ئەللەرنىڭ دېپلۇماتىيە مىنىستىرلىرى 4 – سېنتەبىر موسكۋادا بايانات ماقۇللاپ، بارلىق ئەللەرنى جەنۇبىي ئوسېتىي ۋەزىيىتىگە ئوبىيكتىپ باھا بېرىش ھەمدە ۋەزىيەتنى داۋاملىق جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان ھەركەتلەردە بولماسلىققا چاقىردى.
·يادرو ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھىغا ئەزا 45 دۆلەت 4 – سېنتەبىر ۋىنادا يەنە بىر قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى 2 كۈنلۈك يىغىن مەزگىلىدە، ھىندىستانغا قارىتىلغان يادرو ماتىرىياللىرىنى توشۇشنى چەكلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىش– قىلماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىدۇ.
·تايلاند ئىچكى كابىنت يىغىنى 4 – سېنتەبىر ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى سىياسىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى.
·قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ 4 – سېنتەبىر قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە مۇنداق دېدى: ‹‹قازاقىستان ئېنىرگىيە مەنبەسى ئېكىسپورتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىستىراتېگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ›› .
·روسىيىدە چىقىدىغان ‹‹يېتەكچىلىك گېزىتى››نىڭ 4 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە ئېنىرگىيە مەنبەسى ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ كارخانا بولغان روسىيە نېفىت شىركىتى بۇ يىللىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مۆلچەردىكى ئېشىش نىسبىتىنى ئىلگىرىكى %10.8تىن %9كە تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
·پاكىستاندىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 4 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ساقچى تەرەپ زۇڭلى ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان 3 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.
·كورىيە مەركىزىي بانكىسى 4 – سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتتا ‹‹كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە، كورىيە ئىقتىسادى يىنىك ھالدىكى تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە دۈچ كېلىدۇ›› ، دېيىلدى.
|