|
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭغا جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىككى چوڭ بازىرىغا، يەنى، بىرى شەرققە يۈزلەنگەن 1 مىليارد 300 مىليون ئاھالىگە ئىگە دۆلەت ئىچى بازىرى، يەنە بىرى غەربكە يۈزلەنگەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە روسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 مىليون ئاھالىگە ئىگە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازارلىرىغا يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئۈستۈنلۈكىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكەنلىكى سەۋەب بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىغاندا مۇنداق قارىدى: ئۈرۈمچى — ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
لى جى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئېقىمىغا قارىتا، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى ئىچىگە قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، رايونلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئوتتۇرا غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ھەمكارلىقىدا، ئۈرۈمچىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى، رەھبەرلىك قىلغۇچىلىرى چوقۇم ئۈرۈمچىدىن ھالقىپ چىقىپ ئۈرۈمچى تەرەققىياتىغا، ئۈرۈمچىدىن ھالقىپ چىقىپ ھەمكارلىققا نەزەر تاشلىشى كېرەك، ئوتتۇرا غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا تەرەققىياتىنى ئۈرۈمچىنىڭ پۈتكۈل تەرەقىياتىغا سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن ئۈرۈمچى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ، خۇددىي مۇئاۋىن رەئىس خۇۋېي دېگەندەك، تاشقى سودا ئارقىلىق ئىچكى سودىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك، باشقىلارنىڭ ئادىمىگە ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىدەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، ئاندىن ئورتاق راۋاجلىنالايمىز، ئورتاق نەپكە ئېرىشەلەيمىز؛ ئىدىيە، ھېسسىيات، تونۇشتا بىرلىككە كېلەلەيمىز. شۇڭا، چوڭ جەھەتتىن بىرىككەندە، كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن زور تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى، ئورتاق نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
لى جى مۇنداق قارىدى: شەھەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، رايونلار ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشتا، ئىجتىمائىي ئالاقە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، مېنىڭچە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى شەرق دۆلەتلىرى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت، كۆز – قارشى ئوخشىمايدۇ، پەقەت ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتە بىرىككەندىلا، ئاندىن ھەرىكەتتە بىرىككىلى بولىدۇ، ئىدىيە جەھەتتىكى بىرىكىش — ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىرىكىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، چۈنكى ئىدىيە، مەدەنىيەت، ھېسسىيات جەھەتتە بىرىككەندىلا، ئوتتۇرا غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، شۇڭا، مەن ئىجتىمائىي ئالاقە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيەلەيمەن.
لى جى يەنە مۇنداق قارىدى: رايون ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق، ئورتاق نەپكە ئېرىشىشتەك ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىشتا ستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە ئۈرۈمچى رايونلار ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەشنى، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدۇ.
|