|
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول ترانسپورت نىزامى›› (دەسلەپكى لايىھە)، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈزلەڭلىكتىكى تەبىئىي ئورماننى قوغداش نىزامى›› (دەسلەپكى لايىھە)، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى›› (دەسلەپكى لايىھە)، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش خىزمىتى نىزامى> چارىسى›› (دەسلەپكى لايىھە) قاراپ چىقىلدى ھەم پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: يول ترانسپورتى خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 1998 – يىلى 30 – ئىيۇل يولغا قويۇلغان ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش نىزامى›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول ترانسپورت بازىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، يول ترانسپورت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يول ترانسپورتى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. بىراق يول ترانسپورتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يەنە بىر قىسىم يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلدى. گوۋۇيۈەن ‹‹نىزامى›› نىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش نىزامى››غا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈش تولىمۇ تەخىرسىز ۋە زۆرۈر بولۇپ قالدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول ترانسپورت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
يىغىندا مۇنداق قارالدى: شىنجاڭدا ئورمانلىق ئاساسلىقى تاغلىق رايونلاردىكى تەبىئىي ئورمان، بوستانلىقلاردىكى سۈنئىي ئورمان ۋە تۈزلەڭلىكتىكى تەبىئىي ئورماندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ‹‹ئورمان قانۇنى›› ۋە ‹‹ئورمان قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى››گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈزلەڭلىكتىكى تەبىئىي ئورماننى قوغداش نىزامى››(دەسلەپكى لايىھە) نى تۈزۈپ، تۈزلەڭلىكتىكى تەبىئىي ئورماننى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيىلىك بىخەتەرلىك ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يىغىندا ئالاقىدار تارماقلار يۇقىرىقى ئىككى ‹‹نىزام››نى يەنىمۇ تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشى قارار قىلىندى.
گوۋۇيۈەن 2007 – يىلى 12 – ئايدا ئېلان قىلىپ يولغا قويغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى ۋاقىتلىق نىزامى››دا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنىڭ ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلگەن ھەم ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە دۆلەت بېكىتكەن باج ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى جايلارغا تەتبىقلىنىدىغان باج ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھوقۇقى بېرىلگەن. ئاپتونوم رايون مالىيە – باج سىياسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇش يېرىنى تىزگىنلەپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹نىزام››ىغا ئاساسەن، 1987 – يىلى ئېلان قىلغان ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجىنى يولغا قويۇش چارىسى››دىكى مەزمۇنلارنى تەڭشىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمگەك ئىقتىدارى، تۇرمۇشتا ئىقتىسادىي مەنبەسى يوق، قانۇندا بەلگىلەنگەن باققۇچىسى، يار – يۆلەك بولغۇچىسى، ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىسى يوق ياكى باققۇچىسى، يار – يۆلەك بولغۇچىسى، ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىسىنىڭ بېقىش، يار – يۆلەك بولۇش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىقتىدارى يوق بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئوبيېكتلارغا باشتىن – ئاخىر غەمخورلۇق قىلدى ۋە كۆيۈندى ھەم ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى. گوۋۇيۈەن 2006 – يىل 21 – يانۋار يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش خىزمىتى نىزامى››نى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايون گوۋۇيۈەن ‹‹نىزام››ىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەرنى بېقىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ<يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش خىزمىتى نىزامى> چارىسى››(دەسلەپكى لايىھە) نى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹نىزام››ىنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، مەشغۇلاتچانلىقىنى ئاشۇردى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
|