|
3 – سېنتەبىر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قورۇسى كونا، يېڭى سىتۇدىنتلار بىلەن قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق ئۈلگىسى بولغان ۋاڭ يەننامۇ بۇ كۈنى ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە مەكتەپكە يېتىپ كەلگەنىدى. ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتى بىلەن سانسىزلىغان قەلبلەرنى ھاياجانغا سالغان ۋاڭ يەننانىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان مەۋلانجاننىڭ ئاتا – ئانىسى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە تەبرىكلىدى. ئۇچىسىغا سېرىق رەڭلىك مايكا، ئاق رەڭلىك شىم كىيىۋالغان ۋاڭ يەننا تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلىدى.
ۋاڭ يەننا قارشى ئالغۇچىلار بىلەن بىللە يىغىن زالىغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىسقىغىنا سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇنىڭغا گۈلدەستىلەرنى سوۋغا قىلدى ۋە ئۇنىڭغا: ‹‹ سىز بىزنىڭ ئەخلاق ئۈلگىمىز، بىز سىزدىن ئۆگىنىمىز، خالىسىڭىز ئۆگىنىشتە ياردىمىمىزنى ئايىمايمىز، قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ياڭرىتىپ، بىللە ئىلگىرلەيمىز›› دەپ ۋەدە بېرىشتى. مەۋلانجاننىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ ئوغلىغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بۇ قەيسەر قىزغا ئۆزلىرى تەييارلىغان گۈلدەستە ۋە سوۋغاتنى تەقدىم قىلدى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى غەيرەت ئابدۇرېھىممۇ ھاياجانلانغان ھالدا: ئەسلىدە ۋاڭ يەننانى مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىملىق دوكلات سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش ئويۇم بار ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ مەكتىپمىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم، باشقىلارغا خالىس ياردەم بېرىشتەك ئالىيجاناپ روھقا ئىگە بۇ قىزنىڭ مەكتىپىمىزدە ئوقۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي تەربىيە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ مەنىلىك، ئۆگىنىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن، – دېدى.
قىسقىغىنا سۆھبەتتىن كېيىن ۋاڭ يەننا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەنۇبىي ئوقۇتۇش رايونىدىكى قانۇن فاكولتېتىغا قاراپ يولغا چىقتى. يولدا كېتىۋېتىپ، ۋاڭ يەننا بىلەن كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتىم.
––– ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتەك بۇ بەختنىڭ ماڭا نېسىپ بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. ئائىلىمىزدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغاچقا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا مەكتەپتىن توختاپ قالغانىدىم. لېكىن جەمئىيەتتە ئىشلەپ يۈرگەن چاغلىرىمدىمۇ ئوقۇش ئارزۇيۇم سۇسلىمىغانىدى. ئادەم ھەر ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا باشقىلارغا خالىس ياردەم بېرىش روھىنى داۋاملاشتۇرالىسىلا، شۇنىڭغا تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشىدىكەن. ئەينى چاغدا مەۋلانجانغا بۆرىكىمنى ھەقسىز تەقدىم قىلىش نىيىتىگە كەلگىنىمدە قىلچىمۇ پايدا – مەنپەئەتنى ئويلاشمىغانىدىم، پەقەت ھەر ئىككىلىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنىلا ئويلىغانىدىم. ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى، ھازىر سالامەتلىكىممۇ ياخشى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىدى، مانا ئەمدى ئارزۇيۇم رېئاللىققا ئايلاندى. سالامەتلىكىم يار بەرسىلا پۈتۈن كۈچۈمنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ، ئەمەلىيىتىم بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، – دېدى ۋاڭ يەننا قەتئىي ئىرادە بىلەن.
|