|

ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش باش شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ، ئايلىق بىلەت كارتىسى ، ئېلېكترونلۇق پۇل قاپچۇقى، ياشانغانلار كارتىسى، ئوقۇغۇچىلار كارتىسى قاتارلىق كارتىدىن 800 مىڭدىن ئارتۇقنى تارقاتقان. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىزچىل ئاممىۋى قاتناش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ سانى 80 مىڭدىن ئاشىدىكەن، بۇ بارلىق كارتا بېجىرگەن يولۇچىلارنىڭ ئاران %10 ىنى ئىگىلەيدىكەن. يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىگى ئۈچۈن، 2005 – يىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش باش شىركىتى يولۇچىلارغا بۇ خىل سۇغۇرتىنى سېتىۋېلىشنى تەۋىسيە قىلغان . لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان .
|