|
ئىختىيارىي مۇخىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : ‹‹ جوڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10مەشھۇر شەخىس›› نىڭ بىرى، مەملىكەت بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› ، ‹‹مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى›› ، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بېيجىڭ 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزگۈچى، چوڭقۇرچاق يېزىلىق پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۈگمەنبېشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت باشلىقى داۋۇت ھاشىم 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن بۇيان كەنت ، مەھەللە ، مەكتەپلەرگە بېرىپ ، كەنت ۋە يېزىدىكى كەڭ دېھقان- چارۋىچىلار، كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىزدە ، شىنجاڭدا ، قەشقەردە ، مارالبېشىدا ، چوڭقۇرچاقتا ، بولۇپمۇ تۈگمەنبېشى كەنتىدە يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرنى، بولۇپمۇ 2003-يىلى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن بۇيان دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تەربىيىلىنىش، داۋالىنىش شارائىتى، ئىستېمال سەۋىيىسى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىپىتىخارلانغان ھالدا تەشۋىق قىلىپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ جوڭگو كوممونىسىتىك پارتىيىسىگە ، سوتسىيالىزىم يولىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

سۈرەتتە: داۋۇت ھاشىم كەنتتىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاممىغا تەسىراتىنى سۆزلەپ بەرمەكتە
|