|
3 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ يىلدىن بۇيانقى 6 – قېتىملىق ۋەزىپىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش، مەمۇرىيەتتە پاك بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت، ئىدارە ۋە سەھىيە سىستېمىسىدىن كەلگەن، ۋەزىپىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن 52 رەھبىرىي كادىر سۆھبەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رەھبىرىي كادىرلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، مەمۇرىيەتتە پاك بولۇش ئېڭى ۋە ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلىشى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك، ئىنتىزامچان بولۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، مەمۇرىيەتتە پاك بولىدىغان، مەمۇرىيەتنى تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ياخشى كادىرلاردىن بولۇشى كېرەك.
فۇ چياڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش، مەمۇرىيەتتە پاك بولۇش، تىرىشىپ ئىشلەش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ۋەزىپىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋەزىپىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەھبىرىي كادىرلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش،پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئېڭى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئاڭلىقلىقى ھەم تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، جاپالىقلىقىنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىشى كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان خىزمەت پىلانى›› نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك سىياسىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، بەنزىنىڭ ئىچكى قىسمى ۋە باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇشى، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇشى، چوڭ مەسىلىلەرنى ئۆزى سۈرۈشتۈرۈشى، مۇھىم ھالقىلارنى ئۆزى ماسلاشتۇرۇشى، مۇھىم دېلولارنى ئۆزى نازارەت قىلىپ بېجىرىشى كېرەك. مەمۇرىيەتتە پاك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك، ئىنتىزامچان بولۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك، ياخشى ئوبرازىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشى؛ چىن يۈرەكتىن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقى؛ مەمۇرىي ئىشلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ، كەسىپنى قەدىرلىشى، ئۆز كەسپىگە سادىق بولۇپ، خىزمەتلەرنى قېتىرقىنىپ ئىشلىشى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشى كېرەك. ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى ھەم كۈچەيتىشى، ئاساسلىق رەھبەرلەر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمەت دوكلاتىنى دائىملىق ئاڭلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنى قاتتىق تەربىيىلەپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
|