باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
فۇ چياڭ سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
2008- 09- 05 10:41 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ 5 – قېتىملىق يىغىنى 3 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فۇ چياڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، بازارنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سودا پارىخورلۇقىنى مەنبەدىن تۈزەش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونغا ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا تىرىشىش كېرەك.

   بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەش خىزمىتى پۇختا، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تاكى بۇ يىل 7 – ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 8211 كارخانا – كەسپىي ئورۇن، 121 كەسىپكە مەسئۇل تارماق ۋە سىستېما ئۆزىنى تەكشۈرۈش – ئۆزى تۈزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ۋە نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئېنىقلىدى ۋە ھەل قىلدى،  5 مىليون 600 مىڭ يۈەن نامۇۋاپىق تاپاۋەتنى يىغىۋالدى. ئاپتونوم رايون بويىچە دېلو قىلىپ تۇرغۇزۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان سودا پارىخورلۇقى دېلوسى 371 گە يېتىپ، 382 كىشىگە چېتىلدى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 40 مىليون يۈەندىن ئاشتى. سودا پارىخورلۇقى دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق سودا پارىخورلۇقىنىڭ يامراپ كېتىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.

   فۇ چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بازارنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سودا پارىخورلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزم بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. جايلار ۋە تارماقلار بازار سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ تونۇپ، چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك ھەم تۆۋەندىكى بەش مېخانىزمنى بەرپا قىلىشتا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى كېرەك: بىرىنچى، بازار سەمىمىيەت خاتىرىسى مېخانىزمى بەرپا قىلىش، بولۇپمۇ كارخانا ۋە شەخسنىڭ ناتوغرا قىلمىشىنى خاتىرىلەش كېرەك؛ ئىككىنچى، بازار ئىناۋىتىگە ئائىت ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش – ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، بازار ئىناۋىتىنى يوقاتقان سۇبيېكتلارنى ھەرقانداق يەردە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئىناۋەت ئۇچۇرى ئورتاق تەلەپ مېخانىزمى بەرپا قىلىش، سەمىمىي مۇلازىمەت بازىرىنى پائال قۇرۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، لەۋزىدە تۇرمىغان بازار سۇبيېكتلىرىغا قانۇن بويىچە كۆپ سوممىلىق جەرىمانە قويۇش، سالاھىيىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ئېلىپ تاشلاش، كىنىشكا – گۇۋاھنامىلىرىنى بىكار قىلىش كېرەك؛ بەشىنچى، سەمىمىيەت تەشۋىقات – تەربىيىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، ‹‹لەۋزىدە تۇرۇش شەرەپ، لەۋزىدە تۇرماسلىق نومۇس›› دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ