|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 3 – سېنتەبىر دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتى شىنجاڭغا ئەۋەتكەن 12 ياش كادىر ۋە ئۇزىتىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقى ئىنتايىن مول، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور، بولۇپمۇ مول كۆمۈر بايلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتىكى جەلپكار ۋە يوشۇرۇن كۈچى زور ئەۋزەل بايلىقى بولۇپ قالدى، قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيىلىك نەزەرگە ئىگە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنتايىن ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشمۇ دۆلەت ئېلېكتر ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلدى، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 220 كىلوۋولتلۇق بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتر تورى پۈتتى، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر تورى بىلەن غەربىي شىمالنىڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىمۇ جىددىي ئىشلەنمەكتە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىدىمۇ مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى قولغا كەلتۈرۈلدى.
ۋاڭ لېچۈەن ياش كادىرلارنىڭ شىنجاڭغا خىزمەت ئىشلەشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك يولنى يىراق كۆرمەي، شىنجاڭغا خىزمەت قىلىشقا كەلدىڭلار، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار ئېغىر، ۋەزىپەڭلار مۈشكۈل، بۇرچۇڭلار شەرەپلىك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى كۆپچىلىككە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى، بۇ يەردە خىزمەت قىلساڭلار ئىستىقبالىڭلار چوقۇم پارلاق بولىدۇ.
ۋاڭ لېچۈەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادىتى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، چېگرا مۇستەھكەم بولغان، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم ئىناق ياشايدىغان، تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن شىنجاڭنى چوقۇم تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بەي جىجيې، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
|