باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1 – يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان دەرسلىك ئىشلىتىدىغان بولدى
2008- 09- 04 12:25 شىنجاڭ گېزىتى

   مۇخبىرىمىزنىڭ مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1 – يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان دەرسلىك ئىشلىتىدىكەن، ئىسلاھ قىلىنغان دەرسلىك 12 پەنگە چېتىلىدىكەن. بۇلار  تىل – ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، سەنئەت، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق پەنلەر ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تىل – ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا پەنلىرى ئىككىدىن كىتاب بولۇپ، بۇلار زۆرۈر  دەرسلىك ھېسابلىنىدىكەن.

   مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكى ئىككى كىتاب بولۇپ، زۆرۈر ئوقۇلىدىغان 1 –  ۋە 2 – كىتاب، دەپ ئايرىلىدىكەن. ھەجىمى بۇرۇنقى دەرسلىكتىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن، لېكىن يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان دەرسلىككە بىر قىسىم مۇنەۋۋەر كلاسسىك شېئىرلار ۋە نادىر ئەسەرلەر كىرگۈزۈلۈپتۇ. بۇنداق قىلىنسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

   ئىسلاھ قىلىنغان ماتېماتىكا دەرسلىكى كىشىگە يېڭى تۇيغۇ  بېرىدىكەن، ئىلگىرىكى دەرسلىك رەڭسىز بولغانلىقتىن ئاددىي، زېرىكىشلىك بىلىنەتتىكەن، يېڭى دەرسلىك رەڭلىك بېسىلغاچقا، ئادەمنى جەلپ قىلىدىكەن. ماتېماتىكا دەرسلىكىگە ماتېماتىكا تارىخىغا دائىر بىلىملەر كىرگۈزۈلۈپتۇ. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن.

    يېڭى دەرسلىكلەردە ئاساسچانلىق، ئۇنىۋېرساللىق، كۆپ خىللىق ۋە تاللاشچانلىققا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، قىيىن، غەلىتىرەك مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلىپ، دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلۇپتۇ. يېڭى دەرسلىكلەردە ئۆگىنىشتە ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇش تەكىتلىنىپتۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ.

   ئىسلاھ قىلىنغان ئىنگلىز تىلى دەرسلىكىدە مەخسۇس ئوقۇلىدىغان مەزمۇنلار كۆپەيتىلىش بىلەن بىللە، مەزمۇنى تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلۇپتۇ؛ دوستلىشىش، مۇزىكا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار دەرسلىككە كىرگۈزۈلۈپ، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە قىلىنىپتۇ؛  تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىكىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، بۇرۇنقى تارىخ دەرسلىكى سۇلالىلەرنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تۈزۈلگەنىدى، يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان تارىخ دەرسلىكى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق مەخسۇس تېمىلار بويىچە تۈزۈلۈپتۇ؛ جۇغراپىيە دەرسلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشى ۋە ئىزدىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ