باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىدىغان پەنلەرنى قىزىقىشى بويىچە تاللىسا بولىدۇ
2008- 09- 04 12:21 شىنجاڭ گېزىتى

   بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسى ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بەزى ئوقۇرمەنلەر گېزىتىمىزگە تېلېفون بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى سورىدى. يېقىندا مائارىپ نازارىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر دەرسىنى ئىسلاھ قىلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ئەنچىڭ ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  جاڭ ئەنچىڭ: بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە زۆرۈر ئوقۇلىدىغان  دەرس ۋە تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس بولسىمۇ، تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسمۇ چوقۇم ئۆتۈلەتتى، شۇڭا تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس بىلەن زۆرۈر ئوقۇلىدىغان دەرس ئوتتۇرىسىدا پەرق بولمىغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېرى، قىزىقىشىنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىسى بولمايتتى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن 16 تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس ۋە پائالىيەت دەرسى تەسىس قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل – يېزىق، ماتېماتىكا، پەن – تېخنىكا، سەنئەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەرگە ئائىت پەنلەرنى قىزىقىشىغا ئاساسەن تاللاپ ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلدى. بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك يېتىلىشىگە پايدىلىق. يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان دەرسلەردىكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك شۇ بولدىكى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش جەھەتتە تاللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلدى، دېدى.

   بەزى ئاتا – ئانىلار تىل – ئەدەبىيات دەرسىنىڭ بەش كىتاب، تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسنىڭ 15 كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئىسلاھ قىلىنغان دەرس بالىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتەرمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلدى. بۇ توغرىسىدا جاڭ ئەنچىڭ مۇنداق دېدى: دەرس ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى دەرسلىكنىڭ سانى ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىدىغان ھەجىم ئانچە كۆپەيمىدى. تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسنىڭ ھەممىسىلا ئۆتۈلمەيدۇ، بەلكى ئوقۇغۇچىلار تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرستىن ئۆزى قىزىقىدىغانلىرىنى ئۆگىنىدۇ.

   بەزى ئاتا – ئانىلار: تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس مەزمۇنىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى قانداق بۇلار؟  دەپ سورىدى. بۇنىڭغا جاڭ ئەنچىڭ: دەرس ئىسلاھاتى بۇ يىل كۈزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1 – يىللىقىدا يولغا قويۇلىدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىمتىھانىدا تاللاپ ئوقۇلغان دەرستىن ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ؛ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تاللاپ ئوقۇلغان دەرستىن قانداق ئىمتىھان ئېلىش، ئالغان نومۇرى قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا دائىر مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان لايىھىسىنى بېكىتكەندە چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسى ئىسلاھ قىلىنمىغان 2 – ، 3 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشتە بۇرۇنقى ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە: دەرس ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن چارەكلىك، مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئوخشاشلا ئېلىنىدىكەن، لېكىن ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن. مەسىلەن: تىل – ئەدەبىيات دەرسىدە چارەكلىك ئىمتىھاندا ئىمتىھان ئېلىنىپ بولغان مەزمۇنلاردىن يەنە ئىمتىھان ئېلىنمايدىكەن. تىل – ئەدەبىيات دەرسىدىكى بەش كىتابتىن بەش قېتىمدا ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن، ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا مەزمۇن تەكرارلانمايدىكەن. دەرس ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن بەزى دەرسلەر 36 سائەت، بەزى دەرسلەر 18 سائەت ئۆتۈلىدىكەن، 18 سائەت بىر ئوقۇش نومۇرى بويىچە ھېسابلىنىدىكەن.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ