باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
شىنجاڭدا دەرسلىكنى تەكرار ئىشلىتىش قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇلىدۇ
2008- 09- 04 12:19 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا ‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھەقسىز دەرسلىكلەرنى تەكرار ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى››نى چىقاردى، 2008 – يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن مەكتەپلەر تەكرار ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىكلەرنى ساقلايدىغان ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىدىغانغا مەخسۇس خادىم قويىدۇ.

   باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا مەكتەپلەر تەكرار ئىشلىتىدىغان دەرسلىكلەرنى مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىغا يىغىپ باشقۇرۇپ، نەملىشىپ كېتىشنىڭ، قۇرت يېيىشنىڭ، توپا بېسىپ كېتىشنىڭ، ئوغرىلىنىپ كېتىشنىڭ، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەكتەپلەر تەكرار ئىشلىتىدىغان دەرسلىكلەرنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم قويۇپ، ھەر مەۋسۇم ئاخىرىدا، ھەر مەۋسۇملۇق دەرس باشلىنىشتىن ئىلگىرى دەرسلىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، تەكرار ئىشلەتكەن چاغدىكى تازىلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەل بولغان ياكى يۇقۇملىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتكەن دەرسلىكلەر يىغىۋېلىنمايدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ