باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۈچ سىنىشىشى باشلاندى
2008- 09- 04 12:04 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى 8– ئاينىڭ 26–كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ‹‹8– ئاينىڭ 14– كۈنى، چاۋشيەن تەرەپ نيوڭبيوندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، نيوڭبيوندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇشنى ئويلىشىدۇ››، دېدى. چاۋشيەننىڭ بۇ بايانات — چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىختىلاپىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۈچ سىنىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ  .  

     بۇ يىل 6–ئايدىن بۇيان، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىدە بىر قاتار ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: چاۋشيەن تەرەپ يادرو ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ، نيوڭبيوندىكى يادرو رىئاكسىيە قازىنى سوۋۇتۇش مۇنارىنى پارتلىتىۋەتتى. ئامېرىكىمۇ چاۋشيەننى ‹‹تېررورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر››تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقى ۋە چاۋشيەنگە قارىتىلغان ‹‹دۈشمەن دۆلەت سودا قانۇنى›› تەرتىپىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 6 تەرەپ سۆھبىتىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر ئاچقان ئۆمەك باشلىقلىرى يىغىنىدا، چاۋشيەننىڭ 2- باسقۇچتا ھەركەت ئېلىپ بېرىشىدىكى ۋاقىت جەدىۋىلى بېكىتىلدى.

     چاۋشيەننىڭ نيوڭبيوندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە سەۋەپ—چاۋشيەن تەرەپنىڭ ‹‹ئامېرىكا چاۋشيەننى ››تېررورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر‹‹ تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى›› ، دەپ قارىغانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەپ— چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا چاۋشيەننىڭ يادرو ئىلتىماسىنى دەلىللەش مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى ئىختىلاپ يۈز بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت.

     ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 7– ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 6 تەرەپ سۆھبىتى ئۆمەك باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئامېرىكا چاۋشيەن تەرەپكە 4 بەتلىك دەلىللەش ھۆججىتى لايىھىسىنى تاپشۇرغان بولۇپ، بۇ لايىھىنىڭ مەزمۇنى—دەلىللەش ئوبيېكتى، چارىسى ۋە خادىملار قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، ھەر ۋاقىت دەلىللەش ئېلىپ بېرىش، ئەۋرىشكە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىقلار شۇنىڭدەك چاۋشيەن تەرەپ باشتىن– ئاخىر ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇراننى قويۇلدۇرۇش مەسىلىسى ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش مەسىلىسى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ ‹‹چاۋشيەننىڭ يادرو ئىلتىماسىنى دەلىللەش مېخانىزىمىنى بېكىتىش— چاۋشيەننى ‹‹تېررورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر›› تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھېساپلىنىدۇ››، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە دەلىللەش مەسىلىسىنى 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ 2–باسقۇچلۇق ھەركىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇردى.

     چاۋشيەن تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە. چاۋشيەن تەرەپ مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹ 6 تەرەپ سۆھبىتىدە ھازىرغىچە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ مەزمۇنى پەقەت دەلىللەش ۋە نازارەت قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، دەلىللەشنى ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى ››تېررورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر›› تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش توغرىسىدا ماددىلار يوق ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ كېلىشىملىرىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ‹‹خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئاساسەن، چاۋشيەننىڭ يادرو ئىلتىماسىنى دەلىللەش ئېلىپ بېرىش كېرەك›› ، دېدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ، چاۋشيەننى ئالاھىدە تەكشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

     چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى 8–ئاينىڭ 26– كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ خىل ئالاھىدە تەكشۈرۈش— ئىلگىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئاپپاراتى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇقۇم بولۇپ، چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا دەخلى– تەرۈز قىلىش قىلمىشى ھېساپلىنىدۇ. بۇ تەشەببۇس— چاۋشيەننىڭ ‹‹يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ئەھدىنامىسى››دىن چېكىنىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ھازىر، ئامېرىكا تەرەپ يەنە ئالاھىدە تەكشۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ، ‹‹ھەركەتكە قاراپ ھەركەت ئېلىپ بېرىش›› پرىنسىپىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۆز ئالدىغا چاۋشيەننى قورالسىزلاندۇرماقچى بولغان ‹‹بۇلاڭچىلارچە تەلەپ›› ھېسابلىنىدۇ›› .  باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ئامېرىكا ئىراقتا ئېلىپ بارغانغا ئوخشاش، چاۋشيەندىمۇ ئۆز ئىختىيارىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ خام خىيالى خالاس›› .  

     ئەمەلىيەتتە، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ ‹‹چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش›› ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىسى ئوخشاشمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ‹‹چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش››— چاۋشيەننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرى، يادرو پىلانى ۋە يادرو ماتېرىياللىرىغا قارىتىلغان دەپ قارايدۇ. چاۋشيەن تەرەپ بولسا، ‹‹پۈتكۈل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش›› نى تەكىتلەيدۇ. چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹چاۋشيەننىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورىيە شۇنىڭدەك ئەتراپتىكى رايونلاردا ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرى بار— يوقلىقى، ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرى توشۇپ كىرگەن— كىرمىگەنلىكىنىمۇ تەكشۈرۈپ دەلىللەش كېرەك›› .

     چاۋشيەندە ‹‹قاتتىق مۇئامىلىدە بولغانلارغا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك››، دەيدىغان گەپ بار. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا يادرو ئىلتىماسى مەسىلىسىدە تالاش– تارتىش قىلغاندا، ئامېرىكا تەرەپ ‹‹چاۋشيەن ئۇراننى قويۇلدۇرۇش، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىمۇ ئىلتىماسقا كىرگۈزۈشى كېرەك››، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما، چاۋشيەن تەرەپ سۆھبەتلىشىشى رەت قىلىش ئارقىلىق، يول قويۇشقا قارشى تۇردى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا تەرەپ ئۆز مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئىككى مەزمۇننى ئىلتىماسقا كىرگۈزمەسلىككە قوشۇلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹چاۋشيەن تەرەپ بۇ قېتىم قوللانغان نيوڭبيوندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى توختىتىش تەدبىرى ۋە نيوڭبيوندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇش توغرىسىدىكى تەھدىت سېلىشى— ئامېرىكىغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇشنى چاۋشيەننى ‹‹تېررورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر›› تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش مەسىلىسى توغرىسىدا بالدۇرراق قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلاشنى مەقسەد قىلىدۇ›› .  

     ئەمما، چاۋشيەن تەرەپنىڭ 8– ئاينىڭ 26–كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە ئىمكانىيەت قالدۇرۇلغان بولۇپ، چاۋشيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى نيوڭبيوندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش مەشغۇلاتى توغرىسىدا ‹‹ۋاقتىنچە توختىتىش››  ؛ نيوڭبيوندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇش توغرىسىدا تېخى ‹‹ئويلىشىۋاتىمىز››، دېگەندەك ئىبارىلەرنى قوللاندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، چاۋشيەن تەرەپ دەلىللەشكە قارشى تۇرمايدىغانلىقى ھەمدە دەلىللەشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى.

    چاۋشيەن تەرەپ قاتتىق مۇئامىلىدە بولغان بولسىمۇ، 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ بۇ سەۋەپلىك تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە، چاۋشيەن تەرەپ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى ‹‹تېررورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر›› تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش تەرتىپىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نامىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئىقتىسادى جەھەتتە پايدىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چاۋشيەن بىلەن كورىيە قارشىلىشىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننى‹‹تېررورىزىمنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر›› تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش مەسىلىسىدە ھەركەت ئېلىپ بېرىشىغا تېخىمۇ مۇھتاج بولماقتا.

     نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر چاۋشيەن تەرەپنىڭ باياناتىغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدىغان پوزىتسىيىدە بولغىنى يوق. بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹ئەگەر ھەر قايسى تەرەپلەر سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دەلىللەش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالىسا، چاۋشيەننىڭ نيوڭبيوندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى توختاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، 6 تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ›› .  

   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ