|
پاراگۋاي زۇڭتۇڭى فېرناندو لۇگو 8– ئاينىڭ 15– كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغان ئىدى، يېڭى ھۆكۈمەت تەختكە چىقىش بىلەنلا ئېغىر سىياسىي كىرىزىسكە دۈچ كەلدى. سابىق زۇڭتۇڭ دۇئارت فرۇيتىس يېقىندا قەسەم بېرىپ، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولدى. بۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇچراپ، پاراگۋاي پارلامېنتى ۋەزىپىسىنى نورمال ئادا قىلىشقا ئامالسىز قالدى. فېرناندو لۇگو 8– ئاينىڭ 28–كۈنى ‹‹ئەگەر پاراگۋاي پارلامېنتى نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرمىسا، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش شەكلى ئارقىلىق، پارلامېنتنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەشكە مەجبۇر بولىمەن››، دېدى.
پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىدىن گۇمان قىلىش
دۇئارت فرۇيتىس رەھبەرلىكىدىكى‹‹قىزىل پارتىيە›› بۇ يىل 4–ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پاراگۋاي ئومۇمىي سايلىمىدا مەغلۇپ بولۇپ، ‹‹ۋەتەنپەرۋەر ئىسلاھاتچىلار ئىتتىپاقى››نىڭ نامزاتى فېرناندو لۇگو سايلامدا غەلبە قىلدى. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرىۋاتقان دۇئارت فرۇيتىس يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭەش پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلاندى. دۇئارت فرۇيتىس 6– ئاينىڭ 30– كۈنى قەسەم بېرىپ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئىستىپا بېرىش توغرىسىدا پارلامېنتقا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئۆكتىچى پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن، تەستىققە ئېرىشەلمىدى. مۇشۇ سەۋەپلىك، دۇئارت فرۇيتىس يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت مەجلىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قەسەم بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى.
8–ئاينىڭ 15–كۈنى، دۇئارت فرۇيتىس زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن رەسمىي چۈشكەندىن كېيىن، رەسمىي قەسەم بېرىپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇشقا تەييارلانغاندا، دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار ‹‹يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالغاندا، دۇئارت فرۇيتىس زۇڭتۇڭ ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ دۆلەت مەجلىسى پارلامېنت ئەزاسى بولسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ پارلامېنت ئەزالىق ئورنىنى باشقا نامزاتلار تولدۇرۇشى كېرەك››، دەپ قارىدى.
ئەمما، پاراگۋاي كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئېنرىك كىنتنېر پەقەت بۇ يىل 4– ئايدىكى سايلام نەتىجىسىنىلا ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە 8– ئاينىڭ 26– كۈنى، دۇئارت فرۇيتىسنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ‹‹ۋەتەنپەرۋەر ئىسلاھاتچىلار ئىتتىپاقى››، ئوتتۇرا ئوڭقانات سىياسىي پارتىيە ‹‹سۈيۈملۈك ۋەتەن پارتىيىسى›› ۋە ئىلگىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ‹‹قىزىل پارتىيە›› ئىچىدىكى دۇئارت فرۇيتىسقا قارشى تۇرىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى 8–ئاينىڭ 26–كۈنىدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىدى. بۇ پارلامېنت ئەزالىرى يەنە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوسكار دېننىسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، دۇئارت فرۇيتىسنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان كېنتنېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئالاھىدە يىغىندا يەنە خوۋرىخ سېسپېدىسنىڭ دۇئارت فرۇيتىسنىڭ ئورنىغا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولىدىغانلىقى؛ دۇئارت فرۇيتىسنىڭ ۋەزىپىسىدىن چۈشكەن زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتى بىلەن، كېڭەش پالاتاسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
پارلامېنت قالايمىقانلىشىپ كەتتى
8– ئاينىڭ 28–كۈنى، پاراگۋاي كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى ھەمدە قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى خوۋرىخ سېسپېدىسنىڭنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە دۇئارت فرۇيتىسنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى. ‹‹قىزىل پارتىيە›› ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئېنرىك كىنتنېر ئەزا بولغان ‹‹دۆلەت پۇقرالىرى ئەخلاق ئىتتىپاقى پارتىيىسى››دىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى يىغىندىن چىقىپ كېتىش ئارقىلىق، ئېتىراز بىلدۈردى.
دۇئارت فرۇيتىس 8– ئاينىڭ 28– كۈنى سۆز قىلغاندا، تەھدىت سېلىپ،‹‹مۇۋاپىق پەيتتە يېڭى زۇڭتۇڭ فېرناندو لۇگونىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئېلان قىلىمەن. بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسى چوقۇم پۈتۈن مەملىكەتنى ھەيران قالدۇرىدۇ›› ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە پاراگۋاي ئەدلىيە تارماقلىرىدىن فېرناندو لۇگونىڭ شەخسىي مال– مۈلكى ۋە تۇرمۇشى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن، دۇئارت فرۇيتىسنىڭ ‹‹ ئۈنئالغۇ لېنتىسى ۋەقەسى›› دىن پايدىلىنىپ، فېرناندو لۇگوغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەركىتىگە ئارىلىشىشقا مەجبۇرلىماقچى بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ھۆكۈمەت سىناققا دۈچ كەلدى
فېرناندو لۇگو رەھبەرلىكىدىكى پاراگۋاي يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسى كەمچىل بولۇپ، نۇرغۇن ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئېلىشى ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى نورمال ئېلىپ بارالامدۇ– يوق؟ بۇ جەھەتتە يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللار بار بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىدىكى قالايمىقانچىلىق بۇ خىل ئەھۋالنى يەنىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى خالاس.
نۆۋەتتە، فېرناندو لۇگو ھۆكۈمىتى 2009– يىللىق ھۆكۈمەت خام چوتى لايىھىسى قاتارلىق بىر قاتار قارالمىلار ۋە ھۆكۈمەتتىكى مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇلىدىغان ئادەملەرنىڭ تىزىملىكىنى پاراگۋاي پارلامېنتىغا تاپشۇردى ھەمدە پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلىدىغان بولدى. ئەمما، سىياسىي پارتىيىلەر توقۇنۇشىغا پېتىپ قالغان پارلامېنتنىڭ نورمال ئايلىنىشى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ قارالمىلارنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، لۇگو ھۆكۈمىتىگە زور تەسىر كەلتۈرمەي قالمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ‹‹ۋەتەنپەرۋەر ئىسلاھاتچىلار ئىتتىپاقى›› زۇڭتۇڭ سايلىمىغا غەلبە قىلغان بولسىمۇ، پارلامېنت ۋە يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار سايلىمىدا ئەۋزەللىككە ئىگە بولالمىدى. نۆۋەتتە، دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتاسىدا، ‹‹ۋەتەنپەرۋەر ئىسلاھاتچىلار ئىتتىپاقى›› ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن گېنېرال رىنو ئوۋىدو رەھبەرلىكىدىكى‹‹دۆلەت پۇقرالىرى ئەخلاق ئىتتىپاقى پارتىيىسى››نىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىلا، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدۇ. ئەمما، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي ئاجىز بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى ھۆكۈمەت تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردىلا كىرىزىس كۆرۈلدى. دۇئارت فرۇيتىسنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولۇش مەسىلىسىدە، ‹‹دۆلەت پۇقرالىرى ئەخلاق ئىتتىپاقى پارتىيىسى›› بىلەن ‹‹قىزىل پارتىيە›› ئىتتىپاقداش بولدى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېنرىك كېتنېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى— ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى. ئەگەر، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە پارلامېنتتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قالسا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قويغۇدەك بولسا، پارلامېنتتىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاراگۋاي سىياسىي سەھنىسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە كىچىك، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە چوڭ بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگۈدەك بولسا، يېڭى ھۆكۈمەت نۇرغۇن جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى تېخىمۇ تەسكە چۈشىدۇ.
فېرناندو لۇگو رەھبەرلىكىدىكى‹‹ۋەتەنپەرۋەر ئىسلاھاتچىلار ئىتتىپاقى›› — بىر قانچە سىياسىي پارتىيە ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان سىياسىي پارتىيىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ، سايلام مەزگىلىدە، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەر ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ بىردەك ھەركەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمما، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ۋە زىددىيەتلەر تەدرىجىي كۆرۈنۈشكە باشلىدى. فېرناندو لۇگو ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا چىقارغان ‹‹باشلامچى›› بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاتاقتا ‹‹ئەڭ ئالىي ھوقوققا ئىگە›› بولسىمۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمايدۇ. شۇ سەۋەپلىك، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقىمۇ سىناقلارغا دۈچ كەلدى.
فېرناندو لۇگو ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولدى
بۇ قېتىمقى سىياسىي كىرىزىس كۆرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، فېرناندو لۇگو تاشقى ساھەدىكىلەرگە ‹‹ھۆكۈمەت پارلامېنتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتى››، دېگەن تەسىرنى بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئارتۇقچە ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئەمما، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، فېرناندو لۇگو ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
8 –ئاينىڭ 28–كۈنى، پاراگۋايدىكى‹‹كەلگۈسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى›› ئالدىنقى كۈنى فېرناندو لۇگو توغرىسىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى كۆرسەتتى. زىيارەت داۋامىدا، فېرناندو لۇگو مۇنداق دېدى: ‹‹ئەگەر پاراگۋاي كېڭەش پالاتاسى ئۇزۇن مەزگىل نورمال ئايلىنىشقا ئامالسىز بولسا، ھەر قانداق يىغىننى ئېچىشقا بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىپ، سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق پارلامېنتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ، پارلامېنتنى قايتا سايلاپ چىقىش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ›› .
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹ئەمدىلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان فېرناندو لۇگو ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىدىن ئىبارەت. ئەگەر، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلسا ھەمدە پارلامېنت تارقىتىۋېتىلسە، سىياسىي ۋەزىيەت ۋە جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. فېرناندو لۇگو بۇنداق بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدۇ. فېرناندو لۇگونىڭ تەھدىت سېلىشتىكى مەقسىدى—پارلامېنتتىكى قالايمىقانچىلىقنى ئىمكانقەدەر تېزدىن تۈگىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى نورماللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت›› .
|