|
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئىران يادرو مەسىلىسىدە ھەم قاتتىق ھەم يۇمشاق ئىككى خىل سىياسەت قوللاندى. قاتتىق قول سىياسىتى —ئامېرىكا ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكىلاتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى ھەمدە ئارقا– ئارقىدىن ئۈچ جازالاش قارارىنى ماقۇللاپ، باشقا چوڭ دۆلەتلەرنى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى تۇرۇش سېپىگە قوشۇۋېلىش بىلەن بىرگە ئىرانغا ‹‹جازا ئىسكەنجىسى›› سالدى. بۇنداق بولغاندا ئىران يول قويمىسىلا، ئامېرىكا ‹‹خەلقئارا جەمئىيەت›› نامىدا، تېخىمۇ قاتتىق جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىراننى يىتىم قالدۇرۇپ، كۈچىنى ئاجىزلىتالايدۇ. شۇڭا جازالاش —ئامېرىكىنىڭ ئىراننغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتىرىگە ئايلاندى. 8–ئاي كىرىشى بىلەن، ئىران 6 دۆلەت لايىھىسىگە يۈز تۇرانە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى رېس‹‹ تېخىمۇ كۆپ جازا قولىنىمىز ›› دەپ داۋراڭ سالدى. 8–ئاينىڭ 12– كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىكى ئىراننىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە تىببىي ئىلىم، يادرو تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئىراننىڭ 5 كارخانىسىغا ئىقتىسادى جازا قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا يەنە پارىس قولتۇقىدا كۆپ قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى ھەمدە ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ئويىدىن ئىزچىل ۋاز كەچمىدى.
يۇمشاق قوللۇق سىياسىتى — يېقىنقى بىر قانچە ئايدا، ئامېرىكا ئىرانغا ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى. بۇ يىل 6–ئايدا، ئامېرىكا ئىراندا تۇنجى قېتىم رەسمىي ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، 1980–يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ. 7–ئاينىڭ 19– كۈنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەننىڭ 3– نومۇرلۇق ئەربابى، سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى پائىنىسنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى رېسمۇ، ئىران‹‹خەتەرلىك دۆلەت›› بولسىمۇ، ئەمما ھەر قانداق دۆلەت يولىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، دەپ ئامېرىكا—ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش مۈمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى پۇرىتىپ قويدى.
بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ قاتتىق سىياسىتىگە، ئىران ‹‹قاتتىققا تېخىمۇ قاتتىق تۇرۇش›› سىياسىتىنى قوللاندى. ئامېرىكا: قورال كۈچى ئىشلىتىمىز، دەپ تەھدىت سالسا، ئىران: ناۋادا ئامېرىكا بىزگە ھەربىي زەربە بەرسە، بىزمۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتىكى ھەربىي بازىسىغا زەربە بېرىمىز ھەمدە ھورمۇز پورتىنى ئېتىۋېتىمىز، دەپ جار سالدى؛ ئامېرىكا پۇل ئاجىرىتىپ ئىران ھاكىمىيىتىگە ئاغدۇرمىچىلىق قىلسا، ئىرانمۇ پۇل چىقىرىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئىقتىسادى ياردەم بەردى؛ ئامېرىكا ئىرانغا ئىقتىسادى جازا قوللانسا، ئىرانمۇ نېفىتنىڭ باھاسىنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بىكار قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا قارشى تۇردى.
ئۇنداقتا ئىران نىمسىگە تايىنىپ ئامېرىكا بىلەن مۇشۇنداق تىغمۇ – تىغ تىركىشەلەيدۇ؟
بىرىنچىدىن، ئىراننىڭ رايون چوڭ دۆلىتى ئورنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسى، ئىراننىڭ ئاسانلىقچە تىز پۈكمەي، يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىغان ئىرادىسىنى قارار قىلدى. ئىرانلىقلار ئۆز دۆلىتىنىڭ قايتىدىن رايون چوڭ دۆلىتى بولۇپ قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنداق ئىشەنچ، ئىراننىڭ تاشقى سىياسىتىنى باشتىن- ئاخىر كۈچلۈك رايون چوڭ دۆلىتى ئېڭىگە ئىگە قىلدى. يادرو پىلانىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش— ئىراننىڭ رايون چوڭ دۆلىتى بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم باسقۇچ. ئىران ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، مەسىلەن، شىمالدىكى روسىيە، غەربتىكى ئىسرائىلىيە، شەرىقتىكى ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يادرو قورالىغا ئىگە بولغاچقا، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئىرانغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەت ئاجىز بولسا مۇقەررەر تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ، دۆلەت ھالەك بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان باشقىلاردىن غالىپ كېلىدىغان ئەڭگۈشتەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ھالبۇكى يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇش—بىرخىل ئۈنۈملۈك تەھدىت سېلىش ۋاستىسى ھېسابلىنىدىكەن، يەنى يادرو قورالى— دۆلەتنى مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى دەخلى تەرۇز قىلىنمايدىغان كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇڭا، يادرو قورالىغا ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش ئىراننىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قورال كۈچى تەھدىتىدىن قۇتۇلۇشتىكى ئەمەلىي ۋە بىردىن بىر تاللىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىراننىڭ نەزىرىدە، غەربنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى توسۇشىدىكى مەقسىدى، ئىراننى قالاق ھالەتتە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق پىسخىكىلىق ھالەت بولغانلىقتىن، ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوران قويۇلدۇرۇشنى توختىتىش تەلىپىگە قارىتا، قارشىلىشىش، دۈشمەنلىشىش ۋە مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيىسى تۇتتى. ئىران يەنە: ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ ۋەقە پەيدا قىلىشىنىڭ ماھىيىتى— ئىران ھاكىمىيىتىنى ۋەيران قىلىش، شۇڭا ئىران يادرو مەسىلىسىدە بوش كەلسە، ئامېرىكا ھەددىدىن ئېشىپ، ئىراننى يەنە يول قويۇشقا مەجبۇرلايدۇ، دەپ قارايدۇ. نۆۋەتتە ئىراندىكى ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسى يادرو ئېنېرگىيىسىنى مۇستەقىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت –ئابرويىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغانلىقتىن، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈشى ئىرانغا تېغىمۇ پايدىلىق بولدى. ئىراق ئۇرۇشى، ئىراننى ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، خەلقئارادا نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە، ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولغان ئىراننىڭ ئونىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىشكە يۈزلەنمەكتە. ئامېرىكا ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرىق رايونىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بۇ ھەقىقەتنى تەۋرىتىش ۋە ئۆگەرتىشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، ئىران تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كەتتى، نىجاد ھەتتا ‹‹ئىران دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت›› دېدى. ئامېرىكىنى ئالساق، ئىراقتىن ئىبارەت بۇ‹‹ غەم›› نى تۈگىتەلمەي تۇرۇپلا، يەنە مەملىكەت ئىچىدىكى ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسى ۋە خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ‹‹يېڭى غەم ›› گە پېتىپ قالدى. ئىراننىڭ قارىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى توشۇپ قالغان، ئوبامانىڭ بولسا كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولۇش مۈمكىنچىلىكى چوڭ ئىكەن، ھالبۇكى ئوبامانىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭكىدىن كۆپ يۇمشاق ئىكەن، شۇڭا ئىران دىپلوماتىيە مۇھىم نۇقتىسىنى ئاللىقاچان كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراتقان بولۇپ، بۇشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمەيدۇ.
ئۈچىنچىدىن، نىجاد قاتتىق قول تەرەپدارلىرىنىڭ سىياسىي ئېڭى — زوراۋانلىقتىن قورقماسلىق. 2005– يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان نىجاد — ئىراندىكى قاتتىق قول مۇتەسسىپلەرگە تەۋە. نىجادنىڭ سىياسىي پەلسەپىسىنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئاغدۇرمىچىلىق خائىشى گەۋدىلىك بولغان كۈرەش قىلىش پەلسەپەسىدىن ئىبارەت. ئۇلار دۇنيانى ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئۆز ئارا زىت بولغان‹‹كۈچلۈكلەر ۋە ئاجىزلار››، ‹‹ئەزگۈچى ۋە ئېزىلگۈچى››گە ئايرىيدۇ. يادرو مەسىلىسىدە بولسا، ئىران ئۆزلىرىنى ھەققانىيلىق ۋە قانۇن نەزەرىيىسى ئەۋزەللىكىگە ئىگە دەپ قارايدۇ. بۇلتۇر 12–ئايدا، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئاخباراتىدا ئېيتىلىشىچە، ئىران 2003– يىلىلا يادرو قورالى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ يىل 2–ئايدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ باھالاش دوكىلاتىدا ئوخشاشلا ئىراننىڭ ئىنتىزامغا كۆرۈنەرلىك خىلاپلىق قىلغان ئىسپاتى كۆرسىتىلمىگەن. ئىران مۇشۇنى ئاساس قىلىپ، بۇ دوكىلاتلار ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ‹‹ئاقلاپ››، ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىنىڭ قانۇنلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ، دەپ قارىدى، نىجاد بۇنى تېخىمۇ بىر خىل غايەت زور ‹‹غەلىبە›› دەپ قارىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ھەتتاكى خەلقئارا جەمئىيەت يەنىلا جازا تەدبىرىنى قوللانسا، ياكى قورال كۈچى تەھدىتى سالسا، تىپىك ‹‹ئىككى ياقلىما ئۆلچەم›› بولغان بولىدۇ. بۇ دەل نىجادنىڭ ‹‹كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى ئېزىشى››، ‹‹ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەرگە قارىشىلىق بىلدۈرۈش››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن سىياسىي ئېڭىنى ئىسپاتلاپ، نىجادنىڭ يادرو مەسىلىسىدە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشىنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە مەملىكەت ئىچى– سىرتىدىكى سىياسىي ئابرويىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇنداقلا، نىجاد ئىران سىياسىي سەھنىسىدىكى ‹‹قارا تۇلپار››ۋە‹‹چەكسىز ھوقۇق››دار بولۇش سۈپىتى بىلەن، توقۇنۇش دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قورقمايلا قالماي، ئەكسىچە ئامېرىكا قاتتىق سىياسەت قوللانغانسېرى، ئىران مەملىكەت ئىچىدىكى ئىسلاھاتچىلار بىلەن ئەمەلىيەتچىلەر كۈچىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، قاتتىق قوللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ. ئامېرىكىدىكى نوپوزلۇق ئەربابلار، ئامېرىكا ئىرانغا قايتا–قايتا قورال كۈچى ئىشلىتىش تەھدىتى سېلىپ، ئىراندىكى زۇڭتۇڭ نىجاد باشچىلىقىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۋەتتى، دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ يارىشىش پوزىتسىيىسىگە قارىتا ئىرانمۇ جانلىق ئىنكاس قايتۇردى. ئەمەلىيەتتە ئىران ئىزچىل ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تارىختا، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، ئۆز ئارا بىر بىرىنى ئىتتىپاقداش دوست دەپ قارايتتى، ھازىرمۇ ئىراندىكى ئامېرىكا پەرەسلەرنىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. نىجادمۇ ئامېرىكا بىلەن يارىشىپ، بىر خىل باراۋەر، مۇۋاپىق بولغان نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى خالايدۇ. ھالبۇكى ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتى— ئامېرىكا– ئىران مۇناسىۋىتى مەسىلىسى. ئامېرىكا–ئىران مەسىلىسى تۈپتىن ياخشىلانسا، ئىراننىڭ يادرو كىرزىسىمۇ تەبىئىي ھەل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاش ئىشىمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ. شۇڭا ئىران ئامېرىكىنىڭ ھەر قېتىملىق دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىقىغا پائال ئىنكاس قايتۇرماقتا.
|