باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت بېجى ئىدارىسى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى قايتۇرۇش ئالدامچىلىقىدىن ھەزەر ئەيلەشنى ئەسكەرتتى
2008- 09- 04 11:33 شىنجاڭ گېزىتى

   يېقىندىن بويان كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى قايتۇرۇش ئالدامچىلىقىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت بېجى ئىدارىسى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئاز ماي سەرپىياتىلىق ئاپتوموبىللارغا قارىتىلغان باج قايتۇرۇش كەسپىي مۇلازىمەت تېلېفونىغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىكىنى، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.

   يېقىندا نۇرغۇن باج تاپشۇرغۇچىلار بەزىلەرنىڭ تېلېفون ئۇرۇپ ئۆزىنى دۆلەت بېجى باش ئىدارىسى باج قايتۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى، دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئاز ماي سەرپىياتلىق ئاپتوموبىللارغا باج قايتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ھەم باج تاپشۇرغۇچىلارغا باج قايتۇرۇش كەسپىي نومۇرىنى قالدۇرغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج قايتۇرۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن باج تاپشۇرغۇچىلاردىن بانكا كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلار قالدۇرۇپ قويغان نومۇرنىڭ بېيجىڭ رايونىنىڭ نومۇرى ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت بېجى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تېلېفون ئۇرغان كىشى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئاپتوموبىل ئەھۋالى ۋە شەخسىي ئەھۋالى بىلەن بىر قەدەر تونۇش بولغاچقا، نۇرغۇن باج تاپشۇرغۇچىلار ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويغان. 2006 – يىلىمۇ بېيجىڭ ۋە گۇاڭدۇڭ رايونلىرىدا مۇشۇنداق ئالدامچىلىق ئۇچۇرى پەيدا بولغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى بىر مەزگىل ئارىلىشىپ، بۇ ئىش ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەنىدى.

   دۆلەت بېجى تارماقلىرى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە بىرەرسى مۇشۇنداق تېلېفون ئۇرغاندا، شۇ يەردىكى باج ئورۇنلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈشنى ئەسكەرتتى. دۆلەت بېجى باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار باج قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىشنى بېجىرىپ بولغان ئاپتوموبىللار ئەگەر سۈپەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ياكى سېتىش سودىگەرلىرىگە قايتۇرۇلسا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئاپتوموبىلنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمىگەن بولسا، باج تاپشۇرغۇچىلار باج ئورۇنلىرىغا بېرىپ باج قايتۇرۇشنى بېجىرسە بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باج قايتۇرۇشنىمۇ باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلغان جايدىكى باج ئورۇنلىرىلا بېجىرىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ