باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
فۇكۇدا ياسونىڭ ئىستېپا بېرىشى ياپونىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى
2008- 09- 04 11:16 شىنجاڭ گېزىتى

   ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسونىڭ 1 – سېنتەبىر ئىستېپا بەرگەنلىكىنى تۇيۇقسىز جاكارلىغانلىقى جاھان ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. بۇلتۇر 9 – ئايدا ئابې شىنزونىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولغان فۇكۇدا ئاران بىر يىلغا يېقىن بەرداشلىق بېرىپ، ئاخىرى يەنىلا ئابېنىڭ يولىدا ماڭدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيىدە باش ۋەزىر ئارقا – ئارقىدىن ئىستېپا بەردى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ياپونىيە خەلقى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ بۇ ياپونىيە سىياسىي مۇنبىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇلار كىشىلەر قىزىقىدىغان مەسىلىلەرگە ئايلاندى.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ كونترول قىلىنىشى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى

   فۇكۇدانىڭ ئىستېپا بېرىشى ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ پەيدىنپەي قىيىنلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. كۇيزۇمى دەۋرىدىن قالغان نۇرغۇن ‹‹سەلبىي مىراس›› ۋە بۇ يىلقى نېفىت، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كەلتۈرگەن قىيىنچىلىقىدىن باشقا، دۆلەت مەجلىسىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى فۇكۇدانىڭ ئىستېپا بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ نېگىزلىك سەۋەب.

   دۆلەت مەجلىسىنىڭ كونترول قىلىنىشى ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ۋە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيە قانۇنى بويىچە، باش ۋەزىرنىڭ ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بار، بىراق كېڭەش پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى يوق. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە  ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى گەرچە 2005 – يىلى 9 – ئايدىكى ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا تولۇق غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، بۇلتۇر 7 – ئايدىكى كېڭەش پالاتاسى سايلىمىدا ئابې شىنزو ئىچكى كابىنېتىنىڭ بىر قاتار سەتچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولغان، ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە  دېموكراتلار پارتىيىسى كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

   ئەمەلىيەتتە، دۆلەت مەجلىسىنىڭ كونترول قىلىنىش ئەھۋالى 1989 – يىلى ۋە 1998 – يىلىمۇ كۆرۈلگەن، بىراق ئۇ چاغلاردا ياپونىيە دۆلەت مەجلىسىدە ھازىرقى دېموكراتلار پارتىيىسىدەك ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن تىركىشەلەيدىغان ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە يوق  ئىدى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى باشقا كىچىك پارتىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ، كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇننى قولغا كەلتۈرەلىگەن بولسا، كرىزىسنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالايتتى. بىراق ھازىرقى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىن زور ئۈمىد بار، ئۇ ھاكىمىيەت سىرتىدىكى باشقا پارتىيىلەر بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەمدى دۆلەت مەجلىسىنىڭ كونترول قىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ. 

ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە سىرتىدىكى پارتىيىلەر زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

   فۇكۇدانىڭ تۇيۇقسىز ئىستېپا بېرىشى غايەت زور بومبىغا ئوخشاش ياپونىيىنى لەرزىگە سېلىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە سىرتىدىكى پارتىيىلەردە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

   ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بۇنىڭدىن ھەيران قالدى، ئەندىشىگە چۈشتى ۋە بۇنى چۈشىنەلمىدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى فۇكۇدانىڭ ئىستېپا بېرىشىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سابىق باش ئىش بېجىرگۈچىسى تاكو: فۇكۇدانىڭ ئىستېپا بېرىشى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىگە زەربە بەرگەنلىك، دەپ قارىدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى ئاكىخىرو ئوتا فۇكۇدانىڭ تۇيۇقسىز ئىستېپا بەرگەنلىكىدىن ھەيران قالدى.

   ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىدىكىلەر ئاساسەن تەنقىدلىدى. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى خاتوياما يۇكىئو: بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئىككى باش ۋەزىرنىڭ كەينى – كەينىدىن ئىستېپا بېرىشى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىق، دۆلەت مەجلىسىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، دېدى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مىزۇخۇ فۇكۇشىما بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ باشلىقى كازۇئو شىئى كېيىنكى نۆۋەتلىك باش ۋەزىرنىڭ ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

   2 – سېنتەبىر ياپونىيىدىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەرنىڭ 1 – بېتىگە فۇكۇدانىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بېرىلىپ، ياپونىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىن نارازى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   ‹‹ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر››، ‹‹كۈندىلىك خەۋەرلەر›› قاتارلىق گېزىتلەردە ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ رايىغا بېقىش تەلەپ قىلىندى.

كېيىنكى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەش تەس

   ھازىر ياپونىيىدە خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك چاقىرىق كۈچىگە ئىگە، دۆلەت مەجلىسى كونترول قىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان سىياسىي قاتماللىقنى تۈگىتەلەيدىغان بىرەر شەخس بولمىغاچقا، ياپونىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلەشنىڭ تېخىمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

   ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى يېڭى لىدېر سايلىمىغا تەييارلىق  قىلىشقا كىرىشتى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تارا ئاسو ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە نامزات، دەپ قارالدى. ئۇ 2 – سېنتەبىر: مۇشۇ ئاينىڭ 22 – كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لىدېرى سايلىمىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. جامائەتچىلىك مۇنداق قارىدى:  تارا ئاسو ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسىمۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالىشى ناتايىن، چۈنكى، ئۇ يەنىلا دۆلەت مەجلىسى كونترول قىلىنىش ۋەزىيىتىگە، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. كۈتۈنۈش پۇلى خاتىرىسى، قوغدىنىش ۋازارىتى سەتچىلىكى، 75 ياشتىن ئاشقانلارغا قارىتىلغان يېڭىچە داۋالىنىش تۈزۈمى قاتارلىق ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بۇ ‹‹سەلبىي مىراس››لارنى ئاسان بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ؛ نېفىت باھاسى، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، ياپونىيىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە: ھازىرقى ئەھۋالدا ئاۋام پالاتاسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىۋېتىپ ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارغانچە زورىيىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.

   بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ياپونىيىنىڭ فۇكۇدادىن كېيىنكى ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرى توغرىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياپونىيىنىڭ ئىچكى سىياسىتى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە ھازىرچە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. تاشقى سىياسىتى جەھەتتە، كېيىنكىلەر فۇكۇدانىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىشى مۇمكىن.  ئەگەر مۇتەئەسسىپ سىياسىي زات تەختكە چىقسا، جىددىيلىك تېخى ئەمدىلا پەسەيگەن ياپونىيە – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ