باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
كورىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بېيجىڭ ئو ت م جۇڭگو بىلەن كورىيىنى ‹‹تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى›› دېيىلدى
2008- 09- 04 11:15 شىنجاڭ گېزىتى

   ‹‹كورىيىدىكى ئىنچونلىقلار جۇڭگونىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىكى خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ››. 24 – ئاۋغۇست، كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ دېڭىزلا ئايرىپ تۇرىدىغان قوشنىلاردىن ئىكەنلىكى يۇقىرىقىدەك بىر جۈملە سۆز بىلەن تەسۋىرلەندى. يېقىندا كورىيىدىكى قىسمەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس – بەستە خەۋەر بېرىپ: ‹‹ئو ت م مەزگىلىدە جۇڭگودا كورىيىگە قارشى كەيپىيات مەۋجۇت بولدى›› دېگەن ئىدى، ئەمما كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بولسا بېيجىڭ ئو ت م جۇڭگو بىلەن كورىيىنى  يېقىنلاشتۇردى، دەپ قارىدى.

   كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئو ت م يەنە كورىيە كارخانىچىلىرىنى جۇڭگو بازىرىغا كىرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ‹‹مۇسابىقە مەيدانىدا، كورىيە ۋە جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىككە ئىگە تۈرلەردە جىددىي ۋە دوستانە رىقابەتلەشتى. جۇڭگو ماھىرلىرى كورىيىنىڭ ئاياللار ئوقيا ئېتىش تۈرىدە يەتتە نۆۋەتلىك ئو ت م دە ئۇدا چېمپىيون بولۇشتەك نەتىجىسىگە خاتىمە بەردى، كورىيىمۇ شتانكا كۆتۈرۈش تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ بۇ تۈردىكى >ھۆكۈمرانلىق< ئورنىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ‹‹جۇڭگوغا بېرىپ ترېنېرلىق قىلىۋاتقان كورىيىلىك ترېنېر جۇڭگونىڭ ئوقيا ئېتىش كوماندىسى، چۇماق توپ ئېتىش كوماندىسى ۋە قول توپ كوماندىسىنى دۇنيادىكى كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا باشلاپ كىرىپ، تەنھەرىكەت ساھەسىدە <كورىيە دولقۇنى> قوزغىدى››. ‹‹كورىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن تاڭ نامۇ كورىيىنىڭ ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ مىس مېدالغا ئېرىشىشىدە ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى››.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ