باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايوننىڭ سودا پارىخورلىقىنى تۈزەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ 5 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
2008- 09- 04 11:13 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     3 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ سودا پارىخورلىقىنى تۈزەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ  5 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، مەركەز سودا پارىخورلىقىنى تۈزەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 6 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەش خىزمەت ۋەزىپىسى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سودا پارىخورلۇقىنى تۈزەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فۇ چياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

     بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا پارىخولۇقىنى تۈزەش خىزمىتىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان سودا پارىخورلۇقى دېلوسى 371 گە، چېتىلىدىغان ئادەم سانى 382 گە ۋە پۇل 40 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. بىر تۈركۈم خاراكتېرى قەبىھ،، قىلمىشى ئېغىر، دېلونىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، تەسىرى چوڭ بولغان دېلولار قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، سودا پارىخورلۇقىنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايوندىكى 8211 كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە 121 ساھە باشقۇرۇش ئورنى ۋە سىستېما ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ئۇلارنىڭ تاپشۇرغان تۈرلۈك ئورۇنسىز تاپاۋەت سوممىسى 5 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

     يىغىندا فۇ چياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار سودا پارىخورلۇقىغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت سالمىقىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش؛ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان دېلولارنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش، يەر سېتىش، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھە ۋە جەھەتلەردىكى سودا پارىخولۇق دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرگەن، ھوقۇق، پۇل سودىسى شۇنداقلا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن سودا پارىخورلۇق دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ دېلوغا چېتىلىدىغان سومما كۆپ، چېتىلىدىغان خادىملارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، جەمئىيەتتىكى تەسىرى چوڭ بولغان ئېغىر، مۇرەككەپ دېلولارنى  بېجىرىشقا ۋېىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئۇ يەنە جايلارنىڭ بازار سەمىمىيەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سودا پارىخورلىقىنى تۈپ  مەنبىيىدىن باشلاپ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ