باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئىجتىمائىي سوغۇق مۇئامىلىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ
2008- 09- 04 11:10 شىنجاڭ گېزىتى

   نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ماك كائىن 16 – ئاۋغۇست ئەخلاق جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئامېرىكىلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

   ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16 – ئاۋغۇست ماك كائىن كالىفورنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەر پائالىيىتىدە، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئامېرىكىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى ھېسابلىنىدۇ، دېگەن.

   ماك كائىننىڭ قارىشى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ئوبامانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئوبامامۇ بۇ مۇنبەردە سۆز قىلدى، بىراق، ئۇ ئىرقىي، جىنسىي كەمسىتىش ۋە نامراتلىق ئازابىدا قالغان ئاجىز كىشىلەرنى يېتەرلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىمىگەنلىك ئامېرىكىدا ئەخلاق جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت  ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى.

   ئامېرىكا جامائەتچىلىكى بۇنىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېيىشتى: ماك كائىن بىلەن ئوبامانىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەخلاق مەسىلىسىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئەنسىرىشى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

   ئىجتىمائىي سوغۇق مۇئامىلە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، مۇخبىر لوس – ئانژېلېستا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر موماينىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپ، ئۇزاققىچە ئورنىدىن تۇرالمىغان بولسىمۇ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن ئامېرىكىلىقنىڭ بىرەرىنىڭمۇ ياردەم قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن. مۇخبىر موماينى يۆلىۋالماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئامېرىكىلىق دوستى ئۇنى توسۇۋېلىپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سەن ئۇ موماينى يۆلىۋالساڭ، ئۇ موماي ئەكسىچە ساڭا مېنى يىقىتىۋەتتىڭ، دەپ تۆھمەت قىلىپ، سوتقا ئەرز قىلىشى، تۆلەم بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئىشلار دائىم يۈز بېرىدۇ، شۇڭا، ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تېلېفون بېرىدۇ. مۇخبىر: ئامېرىكىدا كىشىلەر ھەمىشە بىر – بىرىدىن ئېھتىيات قىلىپ يۈرسە، بەك چارچاپ كېتەمدۇ – قانداق؟ دېگەندە، مۇخبىرنىڭ ئامېرىكىلىق دوستى: مانا بۇ ئامېرىكا، دەپ جاۋاب بەرگەن.

   ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارت ئىلگىرى ‹‹خەتەردە قالغان قىممەت قارىشىمىز: ئامېرىكىنىڭ ئەخلاق كرىزىسى›› ناملىق كىتابىدا ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىنى سەمىمىي، ئوچۇق – ئاشكارا، باتۇرلۇق بىلەن تەنقىد قىلغان ھەم ئوقۇرمەنلەرنى دىنىي پرىنسىپتىن چىقىش قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسەت خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر ناچار ئاقىۋەتنى ئېنىق تونۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلغان.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ