باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
خوتەن ۋىلايىتى مەبلەغ جەلپ قىلىش نىشانىنى سانائەتلەشتۈرۈشكە قاراتتى
2008- 09- 04 10:43 شىنجاڭ گېزىتى

   خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىلقى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە بىر يېڭىلىق كۆرۈلدى، ئۇلار يەرمەنكىدە نوقۇل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىۋالماي، سانائەتلەشتۈرۈشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى.

   خوتەن ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنشىڭ مۇنداق دېدى: خوتەننىڭ قېزىلما بايلىقلىرى مول بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىق تۈرى 60 نەچچە خىل، بۇنىڭ ئىچىدە بايلىق مەنبەسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغىنى 24 خىلغا يېتىدۇ. خوتەندە يەنە 61 مىليارد 694 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار بولۇپ، يىلىغا 50 مىليون كۇب مېتىرلىق سىقىلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يولغا قويۇلدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاساسى پۇختا بولغاچقا، تەرەققىيات قەدىمىنى سانائەتلەشتۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى زورايتىش ئىمكانىيىتى چوڭ. خوتەننىڭ ئانار، قەغەز ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىق داڭلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بار. ئەمما يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ قېتىم يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ، سانائەت ئارقىلىق خوتەننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى كۆزلىدۇق.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ