|
17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى رەھبەرلىك كومىتېتى 3 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ››يەرشارى‹‹ مېھمانسارىيىدا ئىچكى ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىم توختاملاشقان ئىچكى ھەمكارلىق تۈرى 101 بولۇپ، ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 47 مىليارد 415 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ كارخانا گۇرۇھلار ھەم داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش سوممىسى 25 مىليارد 230 مىليون يۈەن. بۇ تۈرلەر كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، رەڭلىك مېتال، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت – خىمىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي مۈلۈكچىلىك، توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ قېتىم ئىمزالانغان ئىچكى ھەمكارلىق تۈرلىرى ئىچىدە چوڭ تۈرلەر كۆپ بولۇپ، مەبلەغ سېلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر 88 گە يېتىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەسقەت كەرىمباي، ياڭ گاڭ، سۇڭ ئەيرۇڭ، كۈرەش مەخسۇت، ئالپىسباي رەخىم، لى دۇڭخۇي قاتارلىقلار توختام ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. خۇ ۋىي توختام ئىمزالاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ توختام ئىمزالاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ ھەم قوللايدۇ. ھەرقايسى ئورۇن، تارماقلار ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىز توختاملاشقان كارخانىلارنىڭ ۋاقتىدا ئىش باشلىشى، ۋاقتىدا مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
|