|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 3 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ‹‹شۈكۇاڭ›› گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىگاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
‹‹شۈكۇاڭ›› گۇرۇھى مەملىكىتىمىزدىكى 500 چوڭ كارخانا گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاقسۇ، تارباغاتاي، سانجى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا مەبلەغ سېلىپ، زامانىۋى چوڭ كان ئاچتى. ھازىرغىچە، بۇ گۇرۇھنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ›› شىركىتى، ‹‹كۆمۈر – تۆمۈر›› شىركىتى، ‹‹سەيئېر›› شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى 6 مىليون 500 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.
ۋاڭ لېچۈەن: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول، زاپاس مىقدارى كۆپ، تارقىلىشى كەڭ، تۈرلىرى تولۇق، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. ‹‹شۈكۇاڭ›› گۇرۇھىنىڭ كۆمۈر خىمىيە، كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈردىن ماي چىقىرىش قاتارلىق تۈرلەردە تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تېزدىن ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
ۋۇ جىگاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹شۈكۇاڭ›› گۇرۇھى ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتىنى تىرىشىپ تېزلىتىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە كارخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
|