|
ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى1مىليارد 168مىليون دوللارغا يېتىپ، ئۆتكەن نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشتى
17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي كومىتېتى 3 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن تاشقى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا تاشقى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە ئىمزالانغان توختام 27 بولۇپ، بۇ توختاملارنىڭ ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 1 مىليارد 168 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە ئاشتى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەسقەت كەرىمباي، ياڭ گاڭ، ئالپىسباي رەخىم، خۇۋېي قاتارلىقلار توختام ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇقېتىم ئىمزالانغان 27 توختام ئىچىدە سىرتتىن مەبلەغ كىرگۈزۈلىدىغان تۈرلەر 16 بولۇپ، توختامدىكى كىرگۈزۈلىدىغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى310 مىليون دوللار؛ تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىق تۈرى ئۈچ بولۇپ، بۇنىڭغا سېلىنغان تاشقى مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 64 مىليون 590 مىڭ دوللار؛ تاشقى سودا توختامى سەككىز بولۇپ، بۇنىڭ ئومۇمىي پۈتۈشۈش سوممىسى 793 مىليون دوللاردىن ئارتۇق.
بۇ قېتىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئاساسلىقى ئەنگلىيە، سىنگاپور، دانىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، شياڭگاڭ، ئاۋمىن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، توختام ئىمزالانغان تۈرلەر قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى، ئۆي – مۈلۈك تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلغان.
بۇ قېتىم ئاپتونوم رايۇنىمىزدىن تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە توختام ئىمزالىغان سودا ئۆمەكلەر ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بار.
|