|
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى چوقبار تاش يېزىسىنىڭ باشلىقى مۇقىيات ئوماشان توغرىسىدا
مۇقىيات ئوماشان بىزگە قاراپ كەلدى، ئۇنىڭ ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى. بۇ مۇشۇ كىشى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ چوقبارتاش يېزىسىدىكى 7000 دىن كۆپرەك دېھقان – چارۋىچىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلىپ، كىيىنىش – تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن. ھازىر بۇ يېزىدا كادىرلار بىلەن ئامما ئىناق، پۇقرالار خۇشال – خۇرام ياشىماقتا. يېزىدىكى چېغىر يولدا كېتىۋاتقىنىمىزدا، مۇقىيات ئۇچراشقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سالاملىشىپ، بىرەر – يېرىمدەم پاراڭلىشىپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا زىيارەت قىلغىنىمدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ يېزا باشلىقىغا: مۇقىيات جاقسى( ياخشى)! دەپ باھا بەردى.
مۇقىيات 2003 – يىلى 10 – ئايدا چوقبارتاش يېزىسىغا يېزا باشلىقى بولدى. بۇ يېزىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولغاچقا، ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس ئىدى، بەزى كەنتلەرگە توك، سۇ يەتكۈزۈلمىگەن ئىدى. بۇنىڭدىن مۇقىيات زىممىسىدىكى يۈكنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى.
چوقبارتاش كەنتى بىلەن قىزىل جارتاس كەنتى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقاچقا، توك يەتكۈزۈلمەي كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مۇقىيات تۈرنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر خىل يوللار بىلەن مەبلەغ توپلىدى. 2007 – يىلى 8 – ئايدا چوقبارتاش يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن چوقبارتاش كەنتى، قىزىل جارتاس كەنتىگە تارتىلغان ئېلېكتر لىنىيىسى قۇرۇلۇشى ئاخىرى تاماملىنىپ، 3000 دىن كۆپرەك كىشىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. توك ئۇلانغان كۈنى، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدى.
8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چوقبارتاش كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەبىش كاۋكار: كەنتىمىزگە 2007 – يىل 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى توك ئۇلاندى، بىز بۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز، توك بولغاچقا، بىزنىڭ كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، دېدى.
2007 – يىلى 6 – ئايدا چوقبارتاش كەنتى ۋە قىزىل جارتاس كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈش مەبلىغى ئەمەلىيلەشتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالدۇرراق تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن، مۇقىيات تېخنىكلارغا باشلامچى بولۇپ تەكشۈرۈپ پىلانلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، تۇرۇبىلارنى ئورناتتى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، ئىككى كەنتتىكى 385 ئائىلە پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىپ، سۇ توشۇپ ئىشلىتىش تارىخىغا خاتىمە بەردى. تۇرۇبا سۈيى ئۇلانغان كۈنى، چوقبارتاش كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى قاجۇ ھاياجانلانغان ھالدا، جۈمەكتىن ئالغان تۇنجى چىنە سۇنى مۇقىياتقا سۇنۇپ: مۇقىيات جاقسى! دېدى.
چارۋىچىلىق چوقبارتاش يېزىسىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ% 85 كىرىمى چارۋىچىلىقتىن كېلىدۇ. مۇقىيات خادىملارنى تەشكىللەپ، چارۋىچىلىق قۇرۇلمىسى، بازار قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلدى ھەم دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش ئاساسىدا، نەسىللىك كالىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باقمىچىلىق شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋاماللارنىڭ نەسلىنى تەدرىجىي ياخشىلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، يېزا 45 نەسىللىك كالا، 368 نەسىللىك قوي سېتىۋالدى، 3530 سېرىق كالىنىڭ نەسلىنى ئۆزگەرتىپ، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىنى 172 گە يەتكۈزدى. مۇقىيات يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى قىشلاق ۋە تۆل ئېلىش نۇقتىلىرىغا يېڭىدىن 327 قوتان سېلىشقا يېتەكلەپ، يېزىدىكى چارۋاماللارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىسسىق قوتاندا قوزىلاتقۇزۇپ، چارۋىلارنىڭ قىش ۋە ئەتىيازدىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، چارۋاماللارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى %99 كە يەتكۈزدى.
ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، چوقبارتاش يېزىسى بەش يىل ئىچىدە سېرىق كالىنىڭ نەسلىنى ئۆزگەرتىپ، ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئىسسىق قوتان سېلىش قاتارلىق 21 تۈرنى قولغا كەلتۈردى ھەم ئىش باشلىدى، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 5 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، يېزا، كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى خېلى ياخشىلاندى.
چوقبارتاش كەنتىدىكى قابدۇللانىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 70 ياشلىق قابدۇللا: ھازىر سۇ، توك، تېلېۋىزور ھەممىسى بار، كۈنلىرىمىز ئوبدان ئۆتۈۋاتىدۇ، شۇڭا، پارتىيىگە، ھۆكۈمەتكە، يېزا باشلىقىمىز مۇقىياتقا رەھمەت، دېدى.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم يوللىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، مۇقىيات يېزىدا تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، كەپشەرلەش، ئاشپەزلىك، ماشىنا رېمونتچىلىقى قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تەربىيىلىدى. چوقبارتاش كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مادلېك ئىلگىرى مال باقاتتى. ئۇ 2006 – يىلى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۆزى كەنتتە موتسىكلىت رېمونت قىلىش دۇكىنى ئاچتى، خوتۇنى گۈلزىيە تاللا بازىرى ئاچتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا يەنە تېخى كەشتىچىلىكمۇ قىلدى. گۈلزىيە مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل بېشىدا، يېزا كەشتىچىلىك كۇرسى ئاچقانىدى، مەنمۇ بېرىپ ئۆگەندىم. ھازىر يېزا باشلىقىمىز بىزگە ياردەملىشىپ، كەشتە بۇيۇملارنى سېتىش يوللىرىنى ئۇقۇشۇپ بېرىۋاتىدۇ.
يېزىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار ئىلگىرى سىرتنى چۈشەنمىگەچكە، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى خالىمايتتى. مۇقىيات دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، يەنە قۇمۇل، قۇتۇبى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەنتتىكىلەرگە ئىش ئۇقۇشۇپ بەردى. 2004 – يىلى قىشتا مۇقىيات 30 كىشىنى باشلاپ باغراش ناھىيىسىگە بېرىپ قۇمۇش ئورۇدى. ئىككى ئاي ئىچىدە، ھەر بىر كىشى ئوتتۇرىچە 2000 يۈەندىن كىرىم قىلدى. كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. 2004 – يىلىدىن بۇيان، بۇ يېزىدىن ھەر يىلى بىر تۈركۈم كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ.
بۇلتۇر چوقبارتاش يېزىسىدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1225 يۈەنگە يېتىپ، 2003 – يىلىدىكىدىن 245 يۈەن ئاشتى. يېزا، كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى. كەنت ئاھالىلىرىگە باشلامچى بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان مۇقىياتمۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.
|