|
ئىلگىرى ‹‹ئاشىلى›› مىسچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان مىس زەر گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ پىششىقلانغاچقا، كۆپ قىسىم پايدا ۋە سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىن قۇرۇق قېلىپلا قالماي، يەنە پىششىقلاش جەريانىدا ئاجرىلىپ چىققان نۇرغۇن تۆمۈر ۋە گۈڭگۈرتتىن تۇلۇق پايدىلىنالمايتتى. بۇ ئەھۋال پات ئارىدا ئۆزگەرتىلىدۇ: بۇ يىل 4 – ئايدا ‹‹ئاشىلى›› شىركىتىنىڭ قالدۇق قېزىلمىلارنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش قۇرۇلۇشى باشلاندى؛ 7 – ئايدا ئەنخۇي ‹‹تۇڭلىڭ›› رەڭلىك مېتال گۇرۇھى قابا ناھىيىسى بىلەن مىس تاۋلاش زاۋۇتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى. قابا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شيەنچېڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى تۈر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قۇرۇلۇشلار پۈتسە، قابا ناھىيىسىدە يەنە بىر قانچە ‹‹ئاشىلى›› مىس كېنى قۇرۇلغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
‹‹ئاشىلى›› مىسچىلىق شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى قابا ناھىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا زور تۈرتكە بولدى. ‹‹ئاشىلى›› مىسچىلىق شىركىتى 2005 – يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، بۇ ناھىيىنىڭ مالىيە كىرىمى يىلدىن – يىلغا ئېشىپ، 2004 – يىلىدىكى ئون نەچچە مىليون يۈەندىن بۇلتۇر 190 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ غايەت زور ئۈنۈم قابالىقلارنى ھاياجانلاندۇردى، ئۇلار بۇ بايلىقنى تولىمۇ قەدىرلىدى. ئەمما، ‹‹ئاشىلى›› مىس كېنىنى ئېچىش قەرەلى 29 يىل بولۇپ، قانداق قىلغاندا ‹‹ئاشىلى›› مىس كېنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كۆپ تەرەپلىك راۋاجلىنىش يولىدا ماڭغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە قابا ناھىيىسىدىكى رەھبەرلەر ئويلىشىدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇلتۇردىن بويان، ئۇلار گېئولوگىيىلىك چارلاش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلدى ھەم تاشلاندۇق قېزىلمىلارنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، چەكلىك بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىشقا ئىمكانىيەت ياراتتى.
جاڭ شيەنچېڭ مۇنداق دېدى: ئاشىلى مىس كېنى جايلاشقان كان بەلبېغىدا مىستىن باشقا يەنە تۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىق قېزىلمىلار بار، ھازىر ئېنىقلانغان گۈڭگۈرت، تۆمۈر زاپىسىنىڭ 5 مىليون توننىسى تېخى قېزىلمىدى. بۇ يىل ناھىيە فۇجيەن ‹‹زىجىن›› گۇرۇھى بىلەن يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 800 مىڭ توننىغا يېتىدىغان تۆمۈر، گۈڭگۈرت كېنى قۇرۇش، شۇنداقلا بېيتۈن باغچىلاشقان سانائەت رايونىدا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يىلىغا 400 مىڭ توننا تۆمۈر، 600 مىڭ توننا گۈڭگۈرت ئىشلەپ چىقىرىدىغان مېتال تاۋلاش زاۋۇتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. ئومۇمىي سېلىنمىسى 600 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ناھىيىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يېڭىدىن 1 مىليارد يۈەن ئاشىدۇ. ‹‹زىجىن›› گۇرۇھى يەنە شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ گۈڭگۈرت خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرماقچى، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن ئاشىدىغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى3 2 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.
مۇخبىر 24 – ئىيۇل ‹‹ئاشىلى›› مىسچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدە زىيارەتتە بولغاندا، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ليۇ يۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: قالدۇق قېزىلمىلارنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش تۈرى 4 – ئايدا يولغا قويۇلغان، ھازىر قالدۇق كاندىكى سۇ چىقىرىلىۋاتىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە گۈڭگۈرت خىللىنىدۇ. ئاشىلى مىس كېنىنىڭ نەزەرىيىۋى قېزىلىش مۇددىتى 29 يىل، بىراق، شىركىتىمىز چارلاش سالمىقىنى زورايتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كۆپ مەنبەلىك راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چەكلىك بايلىقتىن ئۇزاققىچە پايدىلىنىش نىشانىغا يېتىدۇ.
|