باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئەسقەت كەرىمباي چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى
2008- 09- 04 10:19 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان نۇقتىلىق تەكلىپلەر سۆھبەت يىغىنى 2 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى، ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق دېدى: سۈنئىي يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلغان چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، چارۋىچىلارغا پەن – تېخنىكا ۋە تىل ئۆگىتىشنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى بار ئاماللار بىلەن كۆپەيتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقتىن زامانىۋى چارۋىچىلىققا ئۆتۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   ئەسقەت كەرىمباي سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئون نۇقتىلىق تەكلىپ ئىچىدىن ‹‹شىنجاڭنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش تەدبىرى توغرىسىدىكى تەكلىپ›› بىلەن ‹‹تېكەس ناھىيىسىدىكى چارۋىچىلىق رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› نى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغۇچى، تەكلىپ بەرگۈچى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنىڭ بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلىدى.

   دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا يايلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە ساننى ئاشۇرۇش تىپىدىكى ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن تېخى قۇتۇلالمىدى، ئۇل ئەسلىھەلەر قالاق، چارۋىچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسى تۆۋەن، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر چارۋىچىلارنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.

   ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق دېدى: تەكلىپنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ تەكلىپنى بېجىرىش ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن كىشىنى رازى قىلىدۇ، لېكىن، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. چارۋىچىلىق رايونىدا چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، چارۋىچىلىقنى چىڭ تۇتۇشنى ئاشلىق، پاختا، باغۋەنچىلىك بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىنى مەركەز، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى باشلامچى، چارۋىچىلىق رايونىنىڭ يول قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغان چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چارۋىچىلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يايلاق ئېكولوگىيىسىگە تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، سۈنئىي يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىنى يادرو قىلغان قۇرۇلۇشلارنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ باش كاتىپى بادەي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ