|
2008 – يىلى مارتتا ، 18 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەۋلانجان ئۈچۈن بۆرىكىنى خالىس تەقدىم قىلغان شىنجاڭلىق قىزچاق ۋاڭ يەننا 3 – سېنتەبىر، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇردى. ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاڭ يەننانى قانۇن كەسپىنىڭ 2008 – يىللىق تولۇق كۇرس سىنىپىغا ئالاھىدە قوبۇل قىلغان ئىكەن.
يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش ئورنىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گو خەنجۈن مەكتەپ فورمىسى ۋە ھەربىي مەشىق فورمىسىنى ۋاڭ يەنناغا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزگە ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.››
ۋاڭ يەننانىڭ قۇتقۇزۇشىغا ئېرىشكەن ئويغۇر ئۆسمۈر مەۋلانجاننىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ۋاڭ يەننانى تەبرىكلىدى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى دىلنۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىنى باشلاپ، يېڭى ساۋاقدىشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‹‹بۇ ئىشنى خېلى بۇرۇنلا بىلگەنىدۇق، ۋاڭ يەننانىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئېنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خوش بولدۇق. ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز.››
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى غەيرەت ئابدۇرىھىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى غېنى جۈمەدىن كېيىن، مەكتىپىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسىدىن يەنە بىرنى كۈتۈۋالدى. ھازىر مەكتىپىمىز ۋاڭ يەننانىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى ماتېرىيال قىلىپ بېسىپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەكتىپىمىز يەنە دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋاڭ يەننانىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىناق مەكتەپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز.››
|