|
شىنخۇا تورى تبىلىس 2 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى : گرۇزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ 2 – سېنتەبىر ئېيتىشىچە ، گرۇزىيە شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ روسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
گرۇزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن : دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى دىپلوماتىك ھۆججەت شۇ كۈنى روسىيىنىڭ گرۇزىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن بولسىمۇ ، بىراق گرۇزىيە روسىيە بىلەن ئاۋۋالقىدەكلا كونسۇللۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالماقچى بولغان .
كاۋكاز ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، روسىيىنىڭ گرۇزىيە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئاندرىي سىماگا 2 – سېنتەبىر تبىلىستا مۇنداق دېگەن : روسىيە باش ئەلچىخانىسى 2 – سېنتەبىر گرۇزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دىپلوماتىك ھۆججىتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، روسىيە تەرەپنىڭ گرۇزىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىنى رەسمىي ئۇقتۇردى . گرۇزىيە تەرەپ يەنە روسىيە باش ئەلچىخانىسىدىن 3–سېنتەبىردىن باشلاپ رەسمىي خىزمەت توختىتىشنى تەلەپ قىلدى .
سىماگا يەنە مۇنداق دېدى : گرۇزىيىنىڭ روسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاركارلىشى‹‹ بىر خاتالىق ››. روسىيە دىپلوماتى يېقىندا گرۇزىيىدىن ئايرىلىپ دۆلەتكە قايتىدۇ .
روسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدىف 26 – ئاۋغۇست روسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتسىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتراپ قىلغان . 29 – ئاۋغۇست ، گرۇزىيىنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاساز تىبلىستا ،ئاخبارات ۋاستىلىرىدا گرۇزىيىنىڭ كونسۇلدىن باشقا بارلىق روسىيىدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغانلىقىنى ، گرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 28 – سېنتەبىر گرۇزىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن ھۆكۈمەتنىڭ روسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
روسىيە ت ئا س س ئاگېنتىلىقىنىڭ 2 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوۋنىڭ شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن : روسىيە تەرەپ دىپلوماتىيە قائىدىسىگە ئاساسەن ، روسىيە بىلەن گرۇزىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارار چىقىرىدۇ .
راۋلوۋ مۇنداق دېدى : ئەگەر گرۇزىيە تەرەپ روسىيە تەرەپ بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن ، يەنىلا ئەسلىدىكى ۋىزا مۇلازىمىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا ، ‹‹بۇ نۇقتىنى بىمالال قۇبۇل قىلىشقا بولسىمۇ ، تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس ›› . ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : گرۇزىيە تەرەپ روسىيە – گرۇزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئويلىشى لازىم . نۆۋەتتە ، نۇرغۇنلىغان گرۇزىيە پۇقراسى روسىيىدە خىزمەت قىلىدۇ ، روسىيە تەرەپ ‹‹ ئۇلارنى مۈشكۈل ئەھۋالغا قويۇپ قۇيۇشنى خالىمايدۇ ›› .
|