|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن – تېخنىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئېنېرگىيە تېجەش ۋە بۇلغىما ئازايتىشتىكى ھالقىلىق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن، 3 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ 3 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئايرىم – ئايرىم سەككىز پەن – تەتقىقات تۈرىگە ئاجرىتىلغان. بولار: شىنجاڭ ئېلىكتېر – ئېنېرگىيە پەن – تەتقىقات ئورنى يېڭى بىناسىنىڭ مەنبەلىك ئىسسىقلىق پومپىسىنى ئىشلىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى؛ قۇياش ئېنېرگىيسى LED يول چىراقلىرىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئازايتىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ داۋانچىڭ شامال كۈچى، قۇياش نۇرىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ توك چىقىرىش سىستېمىسى ۋە LED قۇياش نۇرى ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەتلەردە سۇدىن تەكرار پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش؛ شىنجاڭ ‹‹شۇرى›› مۇھىت ئاسراش پاي چەكلىك شىركىتى ئىلتىماس قىلغان ‹‹تور بۇ لېنتىلىق ئېقىم شەكلىدىكى ئىس – تۈتەكنى گۇڭگۇرتسىزلەشتۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى››؛ ئۈرۈمچى شەھىرى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى سەرخىللاشتۇرۇش خىمىيە سانائەت چەكلىك شىركىتى ئىلتىماس قىلغان ‹‹بۇلغانغان سۇدىن قايتا پايدىلىنىشتا ئايلانما پارۋاينىڭ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش تۈرى›› قاتارلىقلار ئىكەن.
|