باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
 تايلاندتا ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغۇچى نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى 
2008- 09- 03 11:57 تەڭرىتاغ تورى

  

      شىنخۇا تورى باڭكوك 2 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى :  2 – سېنتەبىر سەھەردە ، تايلاندىنىڭ پايتەختى باڭكوكتا ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغۇچى نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، 3 ئادەم قازا قىلغان ، 20 دىن ئارتۇق ئاردەم يارلانغان .

    يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، قولىدا تىغلىق ئەسۋاب ۋە كالتەك كۆتۈرۈۋالغان ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلار 2 – سېنتەبىر سەھەردە ۋاڭجياتيەن مەيدانىغا يىغىلىپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغۇچى نامايىشچىلار ئىگىلىۋالغان ھۆكۈمەت مەھمىكىسىمىگە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ ، ئۆتەر يولىدا ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغۇچى نامايىشچىلارنىڭ ماككاۋەن كۆۋرۈكىدىكى يىغىلىش نۇقتىسىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن .

     توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ساقچى تەرەپ توقۇنۇشنى بېسىقتۇرۇشقا ئارمىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان . نۆۋەتتە ، كەڭ كۆلەملىك قاتتىق توقۇنۇش ئارمىيە ۋە ساقچى تەرىپىدىن تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشلار يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرغان .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ