|
ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسۇ 1 – سېنتەبىر ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. تۇيۇقسىز ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر نۇرغۇن كىشىنى ھەيران قالدۇردى. فۇكۇدا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئىستېپا بېرىدۇ؟ ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنداق قارىدى: فۇكۇدا ئىلاجسىزلىقتىن شۇنداق قىلدى، قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە قاتمۇقات قىيىنچىلىققا ئۇچراش ئۇنىڭ ئىستېپا بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا كېرەك.
فۇكۇدانىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېيتقىنىدەك، فۇكۇدا ئىچكى كابىنېتى تەختكە چىققاندىن بۇيان ئوڭايسىز ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. بۇلتۇر 7 – ئايدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى كېڭەش پالاتا سايلىمىدا مەغلۇپ بولدى، بۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇندىن مەھرۇم قالدى، شۇ چاغدىكى باش ۋەزىر شىنزو ئابې 9 – ئايدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن فۇكۇدا تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمىدى. ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە دېموكراتلار پارتىيىسى فۇكۇدانىڭ بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلدى ھەم ھاكىمىيەت سىرتىدىكى باشقا پارتىيىلەر بىلەن بىللە، دۆلەت مەجلىسىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن يۈزتۇرا تىركەشكەنلىكتىن، يېڭى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە تەدبىرلەر قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى مۇھىم قانۇن لايىھىسى قاتارلىقلار ئوڭۇشلۇق ماقۇللانمىدى. ياپونىيە بانكىسىنىڭ لېدىر نامزاتى مەسىلىسىدە، كېڭەش پالاتانىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولغاچقا، ھۆكۈمەت كۆرسەتكەن نامزات نەچچە قېتىم رەت قىلىندى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئادەتتىكى قانۇن لايىھىلىرىنى ئاۋام پالاتاسىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئورۇننى ئىگىلەشتەك ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ ماقۇللاشتىن مەجبۇرىي ئۆتكۈزەلەيدىغان بولىسىمۇ، بۇنىڭغا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاممىمۇ سىياسىيدىن نارازى بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن ‹‹ئەيداڭ›› ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ بېلىقچى كېمە بىلەن سوقۇلۇپ كېتىشى قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەر، كۈتۈنۈش پۇلى خاتىرىسى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، بېنزىن بېجى توغرىسىدىكى ‹‹ۋاقىتلىق بېكىتىلگەن باج نىسبىتى›› ۋە ماي، ئاشلىق باھاسى ئۆرلەش قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ئامما فۇكۇدا ئىچكى كابىنېتىدىن نارازى بولدى. نەتىجىدە، فۇكۇدا ئىچكى كابىنېتىنى قوللاش نىسبىتى بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتتى، يەنى تەختكە چىققان چاغدىكى %50 تىن بۇ يىل 5 – ئايدا %20 كە تۆۋەنلىدى، كېيىنمۇ مۇشۇ نىسبەتتىن ئاشمىدى. چوڭ ئۈمىد كۈتۈلگەن 7 – ئاينىڭ باشلىرىدىكى خوككايدو سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى، 8 – ئاينىڭ باشلىرىدىكى ئىچكى كابىنېت ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كادىرلارنى تەڭشىشىدىمۇ قوللاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلمىدى. ئامما قوللاپ بەرمىسە، فۇكۇدا ھاكىمىيىتى دۆلەت مەجلىسىدە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىگە بېسىم ئىشلىتەلمەيدۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتا سايلىمىدىكى ئىستىقبالىغىمۇ كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى ئاستىرتىن فۇكۇدا ھاكىمىيىتىدە سايلامدا غەلىبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دېدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتچىلەر پارتىيىسى سايلامنى كۆزدە تۇتۇپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېچىلىدىغان ۋاقىتلىق دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋام پالاتادا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكتىن پايدىلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە يېڭى تەدبىرلىرى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئۇنىمىدى ھەم ۋاقىتلىق دۆلەت مەجلىسى ئېچىش ۋاقتى توغرىسىدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالدى. فۇكۇدا ئىلگىرى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان. لېكىن بۇنىڭغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە يېڭى تەدبىرى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئالدىنقى شەرت قىلىنغان. ئادالەتچىلەر پارتىيىسى ھەمكارلاشمىسا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئىگە بولالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتىنى ئۆز ئالدىغا مەجبۇرىي ئۇزارتالمايدۇ. ھازىرقى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە دېموكراتلار پارتىيىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئورنىنى ئالىمىز دەۋاتقاندا، فۇكۇدانىڭ دۆلەت مەجلىسىدە قارار ماقۇللىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىيىتىدىن ۋاز كېچىشىگە سەۋەب بولدى.
فۇكۇدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىستېپا بېرىش ۋاقتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىستېپا بېرىشىمدىكى سەۋەب، ۋاقىتلىق دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىشىغا يەنە بىر ئاز ۋاقىت بار، بۇنداق بولغاندا سىياسىي ۋاكوم پەيدا بولمايدۇ. فۇكۇدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى 12 – سېنتەبىر ۋاقىتلىق دۆلەت مەجلىسى ئېچىشنى جاكارلىغان ئىدى. فۇكۇدا تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ يېڭى لېدىرىنى سايلاشقا ھەم يېڭى باش ۋەزىرنىڭ تەختكە ئولتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ۋاقىت يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى ئىچكى كابىنېت يېڭى قىياپەت بىلەن ۋاقىتلىق دۆلەت مەجلىسىگە قاتنىشىدۇ. دۆلەت مەجلىسى توختىتىلغان مەزگىلدە ھاكىمىيەت يەڭگۈشلەنسە، دۆلەت مەجلىسى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە ئىستېپا بېرىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان قالايمىقانچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ‹‹ئاۋارىچىلىك››نى ئازايتقىلى بولىدۇ. فۇكۇدا ئىچكى كابېنتىنىڭ خىزمەتلىرىدىن قارىغاندا، فۇكۇدا 8 – ئاينىڭ باشلىرى ئىچكى كابىنېتتىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، 29 – ئاۋغۇست ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆتكەن بىر يىلدا ئىشلىگەن خىزمىتىم بۇنىڭدىن كېيىن نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئاساس سالدى، دەپ قارىدى. تەھلىل قىلىنىشىچە، فۇكۇدا: خىزمىتىمنىڭ ئاياغلىشىپ قېلىشى مۇشۇ چاغدا ئىستېپا بېرىش نىيىتىگە كېلىشىمدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىغان.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى فۇكۇدا ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنكى ياپونىيە سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ: بۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىگە نىسبەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس، دەپ قارىدى. فۇكۇدانىڭ ئىستېپا بېرىشى ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلەرنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، يېڭى ھاكىمىيەت يەنىلا فۇكۇدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقتا قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ شىنزو ئابېدىن كېيىنكى باش ۋەزىرنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇيۇقسىز ئىستېپا بېرىشى بولغاچقا، ئاممىنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلەرمۇ فۇكۇدانىڭ تۇيۇقسىز ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ‹‹مەسئۇلىيەتسىزلىك›› دەپ سۆكتى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى چۈشەنمەي: تۇيۇقسىز ئىستېپا بېرىش ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىگە زەربە بولدى، دېيىشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|