باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ياپونىيە جۇڭگولۇق دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ھەم ئېھتىياجلىق، ھەم ئۇلاردىن قورقىدۇ
2008- 09- 03 11:16 شىنجاڭ گېزىتى

   ئامېرىكا ‹‹خەلقئارا پېشۋالار مۇنبىرى گېزىتى›› نىڭ 15 – ئاۋغۇستتىكى سانىدا مۇنداق دېيىلگەن: نوپۇس قېرىلىشىۋاتقان ياپونىيە جۇڭگولۇق دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ھەم ئېھتىياجلىق، ھەم ئۇلاردىن قورقىدۇ، كۆكتاتلىقتا بىر كۈن ئالدىراش ئىشلىگەن بۇ جۇڭگولۇق ياشلار بازار مەركىزىدىكى كۆۋرۈككە ئارقا – ئارقىدىن توپلىنىدۇ. كامىكاۋا توكيونىڭ غەربىدىن ئانچە يىراق بولمىغان دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ، 4400 دەك ئاھالە بار. بەش يىل ئىلگىرى كامىكاۋادىكى ياشانغان دېھقانلار يەرلىك ياش ئىشلەمچىلەرنى تاپالمىغاچقا، جۇڭگولۇق 40 ئىشلەمچىنى ياللاپ، يەتتە ئايلىق توختاملاشقان.

   ھازىر، بۇ بازاردىكى 600 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ يېرىمى جۇڭگولۇق ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلەرگە تايىنىدۇ. ياپونىيىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئېغىر بولسىمۇ، كۆچمەنلەر سىياسىتى قويۇۋېتىلمىگەچكە، چەت ئەللىكلەرنى ۋاقىتلىق ئىشلەمچى ئورنىدا ئىشلىتىشكىلا بولىدۇ. كامىكاۋادىكى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىغا مەسئۇل ئەمەلدار تاكانو كويزۇمى مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىلا مۇشۇنداق بولۇپ قالماستىن، باشقا ساھەلەردىمۇ شۇنداق، ئەگەر بىز تېخنىكا بىلمەيدىغان ئىشچىلارنى كىرگۈزمىسەك، ياپونىيىدە يېتەرلىك ئەمگەك كۈچى قالمايدۇ.

   تېخى بەش يىل ئىلگىرىلا، كامىكاۋادىكى دېھقانلار يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ياپونىيە ستۇدېنتلىرى ياكى ۋاقىتلىق ئىشچىلارغا تايىناتتى. ھازىر بۇنداق ئەمگەك كۈچى ئازلاپ كەتتى، بەزىلىرى قېلىشقا ئۇنىسىمۇ، جاپادىن قېچىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن كېتەتتى.

   بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، 72 ياشلىق نورىكو ئىككى جۇڭگولۇق ئىشچى بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بەزىلەر كەچتە بار بولسىمۇ، ئەتىسى تاپقىلى بولمايدۇ، جۇڭگولۇقلار ئۇنداق ئەمەس.

   گەرچە، ياپونىيىلىكلەر جۇڭگولۇق ئەمگەك كۈچىگە بارغانچە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، جۇڭگولۇق ئىشچىلارنىڭ كۆپىيىشى بەزى ياپونىيىلىكلەرنى ئەنسىرىتىپ قويدى، گەرچە ئۇلارمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ ئاشمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، يەنىلا ئەنسىرەيدۇ. نەچچە يىل ئىلگىرى چەت ئەللىكلەرنى كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن يەرلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن كامىكاۋا تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ