باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
خۇۋېي شياڭگاڭلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 03 10:17 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇۋېي 1 –  سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شياڭگاڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى ۋۇزىخېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

   خۇۋېي كۆرۈشۈشتە ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋۇزىخېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى 16 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا، باشتىن – ئاخىر شياڭگاڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. شياڭگاڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. بىز شياڭگاڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆۋرۈكلۈك ۋە بەلۋاغلىق رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭلىق سودا – سانائەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكلىرىگە ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ بازارلىرىغا دىققەت قىلىشقا يېتەكلىشىنى، شياڭگاڭنىڭ مەبلەغ، ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئەۋزەللىكلەرنى تولۇقلاپ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   ۋۇزىخېڭ كۆرۈشۈشتە شياڭگاڭ سودا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ شياڭگاڭلىق سودا – سانائەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ