|
. شۋېتسىيە كارولىنىسكا دوختۇرخانىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەر –خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق بولۇش – بولماسلىقى ئەرنىڭ تېنىدىكى بىر خىل ئۆزگىرىشچان گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
. تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، جىددىي ھالەت قانۇنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئانوفول 2 – سېنتەبىر: ھەربىي – ساقچىلار جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇش جەريانىدا دېموكراتىيىنى پرىنسىپ قىلىپ، نامايىش مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدۇ، دېدى.
. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى 1 – سېنتەبىر كەچتە گرۇزىيە – روسىيە توقۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئىزدەش مەقسىتىدە ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، روسىيە قوشۇنى توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى جايىغا چېكىنمىگىچە، روسىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئائىت رامكا كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلدى.
. تايلاند زۇڭلىسى ساما 2 – سېنتەبىر باڭكوك رايونىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر ئادەم قازا قىلىپ، 43 ئادەم يارىلاندى.
. ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسوئۇنىڭ 1 – سېنتەبىر تۇيۇقسىز ئىستېپا بەرگەنلىكى ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسى فۇكۇدا ياسوئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىدىن نارازى بولدى، بەزىلەر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئىستېپا بېرىشى سابىق ۋەزىر ئابې شىنزۇنىڭ قىلىقى بىلەن ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ‹‹مەسئۇلىيەتسىزلىك›› قىلغانلىق، دەپ قارىدى. ئىقتىسادىي ساھەدىكىلەر فۇكۇدا ياسوئونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ ئىسلاھاتنىڭ چېكىنىشى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ قالايمىقانلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|