|
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى 1 – سېنتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەرمېنىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىۋىك پىتروسيان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە ئەركىن ئىمىرباقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مېھمانلارنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد – سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئالىۋىك پىتروسيان كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: ئەرمېنىيىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى بىزگە ھەمكارلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئەرمېنىيە ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە تونۇشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
|