|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 1 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يۈەن چۈنچىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم كارخانىلارنى تەكشۈردى.
نۇر بەكرى، يۈەن چۈنچىڭ قاتارلىقلار ‹‹جۇڭلياڭ››تۇنخې سانجى شوخلا مەھسۇلاتلىرى شىركىتى، ئالاھىدە ترانسفورماتور پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرگە بېرىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يۈەن چۈنچىڭ سانجى شوخلا مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تەبىئىي بايلىق جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە رايون، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئاساسلىق شوخلا قىيامى ئىشلەش رايونى ھېسابلىنىدۇ. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ شوخلا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپى تېخىمۇ زور پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ.
يۈەن چۈنچىڭ ئالاھىدە ترانسفورماتور پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىدە تەكشۈرۈش جەريانىدا شىركەت رەھبەرلىرىدىن بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگونىڭ ترانسفورماتور كەسپى بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان تۇنجى شىركەت ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو بويىچە چوڭ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەشتىكى تايانچ كارخانا ئىكەنلىكىنى، ترانسفورماتور ئىشلەش ئىقتىدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 3 – ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۆزىنىڭ قايىللىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىئەندىمۇ ترانسفورماتور ئىشلەش كارخانىسىدىن بىرى بار، نۆۋەتتە بۇ كارخانا تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە پېيىنى بازارغا سېلىش ئىشىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئىككى كارخانىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئۈسكۈنە ئىشلەش كەسپىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۇر بەكرى تەكشۈرۈشتە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مول بايلىق ئەۋزەللىكىگە ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتەك جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، شەنشى ئۆلكىسى پەن – تېخنىكا، مائارىپ ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بىز ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۇڭ ئەيرۇڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.
|