|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 2 – سېنتەبىر چۈشتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولات نۇر شالىيېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
نۇر بەكرى كۆرۈشۈشتە ئالدى بىلەن بولات نۇر شالىيېفنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرمۇنبىرىدە ئاساسىي نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەتنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايونغا ئايلاندى.
بولات نۇر شالىيېف كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ بولسا ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى مۇھىم ئىش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
|