|
نۇر بەكرى ئاساسىي نۇتۇق سۆزلىدى

ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرمۇنبىرى 2 – سېنتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇنبەردە ‹‹يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزەيلى›› دېگەن تېمىدا ئاساسىي نۇتۇق سۆزلىدى.
بۇنۆۋەتلىك مۇنبەرنى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي كومىتېتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇنبەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى:‹‹مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى›› دىن ئىبارەت.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى مۇنبەردە نۇتۇق سۆزلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇۋېي مۇنبەرگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولات نۇر شالىيېف

تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۇرشاد تۈزمېن
مۇنبەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولات نۇر شالىيېف، تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۇرشاد تۈزمېن، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈپىڭ، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى شاخرات نۇرشېف، تاجىكىستان سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شايىتوف سەئىد، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى روسىيە، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى گۇاڭچېڭ، ئەرمىنىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىۋىك پىتروسيان، ئالاھىدە ترانسفورماتور پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ لىدىرى جاڭ شىڭ قاتارلىقلار ئاساسىي نۇتۇق سۆزلەپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى، رايونلار ئارا ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى بويىچە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، مەبلەغ سېلىش بازىرىدىكى پۇرسەتلەر ۋە كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرئۈستىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى 2003 – يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇدا بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى مەزكۇر رايوندىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئويناپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.
نۇربەكرى نۇتقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا رايونلار ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئىككى چوڭ مۇھىم يۈزلىنىشكە ئايلاندى. ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىسادىي چەمبىرىكى نۆۋەتتە شىمالىي ئامېرىكا ئىقتىسادىي چەمبىرىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي چەمبىرىكى ۋە شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادىي چەمبىرىكىدىن كېيىنكى دۇنيادىكى 4 – چوڭ ئىقتىسادىي چەمبىرەك ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ، ئىقتىسادىي خەۋپلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىدا، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد – سودا ئىشلىرىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىسادىي چەمبىرىكىدىكى مەركىزىي رايون بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش جەھەتتە مۇتلەق رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى قوللاپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە چېگرا سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزچىل تۈردە شىنجاڭغا مايىل بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش ترانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقاتار ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مانا بۇلار يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى كۆۋرۈكىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
نۇر بەكرى مۇنبەر ئېچىلىشتىن ئىلگىرى مۇنبەرگە قاتناشقىلى كەلگەن ئاساسلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.
شۇكۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭنىڭ چېگرا سودا تەرەققىياتى ئاساسىي تېما قىلىنغان تارماق مۇنبەردە، ئېلىمىزنىڭ ئەتراپتىكى توققۇز قوشنا دۆلەتتە تۇرۇشلۇق سودا مەسلىھەتچىلىرى ۋە كاتىپلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشلەرنى تونۇشتۇردى. مۇنبەردە يەنە دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن مۇتە – خەسسىسلەر، ئالىملار ۋە كارخانىچىلار شىنجاڭنىڭ چېگرا سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
|