|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى 1 – سېنتەبىر 2008 – يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى ئاساسىي سىنىپى ۋە ئاسپرانتلار سىنىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ياڭ گاڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ياڭ گاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ئىدىيىۋى قورالى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى، ھەربىر كۇرسانت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ زور نەزەرىيىۋى ئەھمىيىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىنى چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئىلمىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي تەتبىقلىشى كېرەك؛ ئىلمىي تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۈرلۈك تەپەككۇر چۈشەكلىرىدىن ئازاد بولۇپ، تەرەققىيات ئېڭى، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى، تەرەققىيات تەدبىرلىرى ۋە رەھبەرلىك ئۇسۇلىدا تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.
ياڭ گاڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئاساسىي يوللۇق، بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۇرسانتلارغا قارىتىلغان نەزەرىيە تەربىيىسى، بىلىم تەربىيىسى، پارتىيىۋىلىك تەربىيىسىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك ئىدىيىۋى – سىياسىي كاپالەت، ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
|