|
. ياپونىيە سەھىيە، پاراۋانلىق ۋە ئەمگەك ۋازارىتى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ چوڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، دائىم قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىگا گرىپتار بولۇش خەۋپى قەھۋەنى ئانچە ئىچمەيدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا ئاز بولىدىكەن. دائىم قەھۋە ئىچىدىغان ئەر – ئاياللارنىڭ جىگەر راكىغا گرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئازراق بولىدىكەن.
. قارا بوران ‹‹گوستاف›› 1 – سېنتەبىر چۈشتە يېڭى ئورلېئاننىڭ غەربىدە قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئامېرىكىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرى 31 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوغدىنىش ھالىتىگە كىرگەن، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يۇرتىدىن چېكىنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، مېكسىكا قولتۇقى قىرغىقىدىكى نېفىت – گاز ئىشلەپچىقىرىشىمۇ قارا بوران تەسىرىدە پۈتۈنلەي توختىغان.
. ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى 1 – سېنتەبىر غەربىي قىسىمدىكى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى ئىراق دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئىراق 18 ئۆلكىسى ئىچىدە 11 ىنىڭ مۇداپىئەسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
. روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن 31 – ئاۋغۇست ‹‹روسىيە›› تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: روسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ سۇسلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىنى ھازىرچە بايقىمىدىم، دېدى.
. ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇكۇدا ياسۇئۇ 1 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ: مەن يېڭى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى شارائىتىدا سىياسەت نىشانىغا يېتىش كېرەك، دەپ قارايمەن. مېنىڭ ئىستېپا بېرىشنى تاللىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، ھازىر ئەڭ ياخشى پۇرسەت، ئىستېپا بېرىشىم سىياسىي بوشلۇق پەيدا قىلمايدۇ، دېدى.
|