باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
كورىيە ئۈچ چوڭ ئاچا يولغا كەلدى
2008- 09- 02 17:47 شىنجاڭ گېزىتى

   60 يىل بۇرۇنقى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، كورىيە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلىغانىدى. ئەينى چاغدا، كورىيىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان100 GDP دوللارغىمۇ يەتمەيتتى. ئۇزاق يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش كورىيىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. ۋەھالەنكى 60 يىلدىن بېرى، كورىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە ‹‹ئاسىيادىكى تۆت كىچىك ئەجدىرھانىڭ بىرى›› دېگەن تەرىپلەشكە ئېرىشتى. شۇنىڭدەك كورىيەلىكلەرنى ھازىرغىچە پەخىرلەندۈرىدىغان سېئول ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، كورىيە پايتەختى سېئولنىڭ قىسمەن كوچىلىرىغا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بولسىمۇ، كورىيىدىكى قىسمەن ئامما 15 – ئاۋغۇست ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشقا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹‹شام يېقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈش كېرەك›› دەپ قارىدى. بۇ ئىش ئەسلىدە قاينام  – تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان 60 يىللىقنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا سوغۇق سۇ سەپتى.

  ‹‹سېئول ئىقتىساد تور پونكىتى››دا 15 – ئاۋغۇست ئېلان قىلىنماقچى بولغان ‹‹دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، يېڭى باشلىنىش پەللىسىدە تۇرۇۋاتقان بۈيۈك كورىيە›› ناملىق ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، بىز دېگەن ھەر قېتىم كرىزىسقا دۇچ كەلسەك غايەت زوركۈچكە تولۇپ، يېڭى تارىخ يارىتالايدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە مىللەت. ئىتتىپاقلىشىپ قايتىدىن ھەرىكەتكە كېلىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى، دۆلەت قۇرۇلغىنىغا 60 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، بىزدە جەزمەن يېڭى باشلىنىش پەللىسىدە تۇرىدىغان ئاڭ بولۇشى كېرەك. ئوبزورنىڭ ئىلاۋىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: 1948 – يىلى دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كورىيە ئۆتكەن 60 يىلدا نۇرغۇن خىرىس ۋە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلدى، ھالبۇكى، كورىيە مەۋقەنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇش ئارقىلىق دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە ئۇتۇق قازاندى، بۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان تارىخ.

   ‹‹خەنجياڭ دەرياسى بويىدا مۆجىزە يارىتىپ، كورىيە مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچ چوڭ ئاچا يولغا دۇچ كەلدى››. بۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا 20يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان سالاھىيەتلىك بىر مۇخبىرنىڭ كورىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ تەسىراتى. ئۇ ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: كورىيىلىكلەر ھازىرغىچە 1988 – يىلى سېئولدا ئۆتكۈزۈلگەن ئو ت م نى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشىدۇ. نۇرغۇن كىشى ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ھاياجان بىلەن ئەسكە ئېلىشىدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دۆلەت قۇرۇلغان 60 يىلدىن بېرى كورىيەلىكلەرنى ھەممىدىن بەك ھاياجانغا سالغان ئىش ئو ت م ئۆتكۈزۈش بولدى. سېئولدا ئو ت م ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كورىيىلىكلەر تاشقى ئالاقە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دەرۋازىنى چوڭ ئېچىپ، ‹‹غەرب لاگېرى›› دىن چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.

   كورىيىنىڭ يەر كۆلىمى 99 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە كىچىك دۆلەت ھېسابلانسىمۇ، نوپۇسى 50 مىليوندىن ئاشىدۇ. دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، كورىيىنىڭ خەلق ئىگىلىكى بەلبېغى ئېغىر مۇستەملىكە خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، بازار كىچىك بولغاچقا، كاپىتالىزم يېڭىدىن باش كۆتۈرگەنىدى. ۋەھالەنكى 20 – ئەسىرنىڭ 60 –  يىللىرىدىن بۇيان، كورىيە ھۆكۈمىتى ‹‹دۆلەتنى ئېكسپورتقا تايىنىپ قۇرۇش›› تىن ئىبارەت ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈردى. قىسقىغىنا 20 يىل جەريانىدا، ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ‹‹ئاسىيادىكى تۆت كىچىك ئەجدىھانىڭ بىرى›› گە ئايلاندى. كورىيىنىڭ تەرەققىياتى ‹‹خەنجياڭ دەرياسى مۆجىزىسى›› دەپ ئاتىلىپ، كورىيە ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دوراش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. ھازىر كورىيىنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 13 –  ئورۇندا تۇرىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 20 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ.

   پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن، كورىيە دۆلەت قۇرغاندىن بۇيانقى ‹‹باھا ئەڭ يۇقىرى ئون يىل››نى بېشىدىن كەچۈرۈپ، كىم تىچۇڭ بىلەن لو مۇ خيون ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون يىل ئىچىدە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇب – شىمال مۇناسىۋىتى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا مۇقىملاشتى، بۇ كورىيەلىكلەرگە تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغانلىقىنى تونۇتتى. جەنۇب – شىمال مۇناسىۋىتى ھازىر قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ كورىيە دۇچ كەلگەن بىرىنچى ‹‹ئاچا يول››. كەلگۈسى ئون يىلدا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى يەنىلا كورىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى بولىدۇ. كورىيىگە نىسبەتەن   ياخشى ئەتراپ مۇھىتى يارىتىش ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر.

   يەنە بىر ‹‹ئاچا يول›› يېڭىدىن ئەتىراپلىق كەسپ ئىستراتېگىيىسىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت. دۇنيادىكى يۇقىرى نېفىت باھاسى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كورىيە ئىقتىسادى ھازىر پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى قانداق تېپىش مەسىلىسى كورىيىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ‹‹بوغما ھالەت›› تىن قانداق قۇتۇلۇشىدىكى زور بىر تېما بولۇپ قالدى.

   60 يىلدىن بېرى، كورىيىنىڭ دۇنيا سىياسىيسىدىكى تەسىر كۈچى ئىزچىل ئانچە چوڭ بولمىدى، دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك ئىش دېگەندىمۇ كورىيىلىك ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولدى. كورىيە دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا، ياۋروپا – ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتكە تېخىمۇ زور دەرىجىدە قىزىقىشى يەنىلا دىپلوماتىيە قاتلىمىغا مەركەزلەشتى. ئەنگلىيىدە كىشىلەرنىڭ كورىيىگە بولغان چۈشەنچىسى كوچىلاردا قاتناۋاتقان كورىيە ئاپتوموبىللىرىدىن كەلدى، ۋەھالەنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانىدىن كۆرۈنەرلىك ئازلىدى. ئەنگلىيىدە چىقىدىغان ئەڭ يېڭى سان ‹‹ئىقتىسادشۇناسلار›› ژۇرنىلىدا مۇنداق ئانالىز قىلىندى: كورىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ زور خىرىس يەنىلا چاۋشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كۆرۈلدى، لېكىن چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆتكەن ئون يىلغا سېلىشتۇرغاندا ياخشىلىنىش بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹لى ميۇڭ باك ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئامېرىكىدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلغاچقا، خەلق ئىچىدە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇ ئىش ھۆكۈمەتكە كورىيىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتتا سىياسىي جەھەتتە ئامېرىكىغا زىيادە تايىنىش ئىستراتېگىيىسىدىن قۇتۇلمىسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ